تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۈرئەت تېخىمۇ تېزلىتىلىپ، قۇرۇقلۇق چوڭ يولى بەرپا قىلىندى

يۈك ئاپتوموبىللىرى قومۇل چېگراسى ئىچىدىكى بېيجىڭ–شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا يۈرمەكتە (سۈرەت 2017–يىلى 7–ئاينىڭ 15–كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سەي زېڭلې فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

   ئەسلىھەلەرنى راۋانلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن قاتناشنى ئويلىشىش كېرەك.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى چوڭ يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

   كۆپ نۇقتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ تاشيول ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى

   خوتەن ۋىلايىتى چەت، ياقىغا جايلاشقان بولۇپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى ئارقىدا قالغانىدى، ئىلگىرى تۆمۈريول ‹‹ئۈزۈك يول›› ھېسابلىناتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يوق ئىدى، شۇڭا قاتناش ‹‹يول ئاخىرى›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى.

   شىنجاڭ خوتەن ‹‹گوجىچۇ›› يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گۇەن مىڭ مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى ئىستېمال مەركىزىدىن يىراق بولغاچقا، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى ئىزچىل شىركەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىگە ئايلانغانىدى. خوتەندىن سىرتقا توشۇشتا، يۈك ئاپتوموبىلى دۆلەت يولى 315–لىنىيەسىدىلا ماڭالايتتى، ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشى ئاستا بولۇپلا قالماي، مېۋە–چېۋىلەرمۇ كۆپ ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاپ، يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇب يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى، خوتەن ۋىلايىتى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى.

    8–ئاينىڭ 1–كۈنى، G3012 لىنىيەسى قاراقاش–خوتەن بۆلىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول راۋانلاشتۇرۇلدى. گۇەن مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى سۈرئەتلىك يول راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى. بىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. كېلەر يىلى، G3012 قەشقەر (قەشقەر يېڭىشەھەر)–قاغىلىق–قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 2–قارارلىق قۇرۇلۇشىدا قاتناش باشلىنىپ، خوتەن بىلەن قەشقەر ئارىسىدا تولۇق مۇساپىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تۇتاشتۇرۇلىدۇ، شىركىتىمىزنىڭ مېۋە پىششىقلاش كۆلىمىنى يەنە داۋاملىق زورايتىمىز.

   دىققەت ئەسلىھەنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، چوڭ–چوڭ تۈرلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش–تىرانسپورت نازارىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى جېڭ مىڭچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىمالىي يول قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى G7 لىنىيەسى (بېيجىڭ–شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى) مىڭشۈي–قومۇل بۆلىكى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭغا ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي كىرىپ–چىقىدىغان 2–مۇھىم قاتناش يولى شەكىللەندۈرۈلدى؛ ئوتتۇرا يولدا G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تولۇق لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى ھەم ئىقتىدارىنى زورايتىپ ئۆزگەرتىش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلدى؛ جەنۇبىي–شىمالىي شىنجاڭ چوڭ يول قۇرۇلۇشىدىكى G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى–كورلا–چاقىلىق، G218 لىنىيەسى دۆڭمازار–نارات قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشلىرى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى گەۋدىسى بەرپا قىلىنىپ، ماللار راۋان توشۇلىدىغان، ئادەملەر راۋان يول يۈرىدىغان قولاي قاتناش ئەندىزىسى تېز سۈرئەتتە شەكىللەندۈرۈلدى.

   قۇرۇلۇش تېزلىتىلىپ، تۆمۈريول تورى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

   تۇرپاندىن ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن جاڭ جيې مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرپانغا ساياھەتكە بارساق ئوق پويىزغا ئولتۇرىمىز، بەك قولاي.

   يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول راۋانلاشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ساياھەتچىلەر تۇرپانغا ساياھەتكە بارماقچى بولسا، كۆپ ساندىكىلىرى ئۈرۈمچىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ياكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ باراتتى، بېرىپ–كېلىش ئۈچۈن ئاز بولغاندىمۇ تۆت سائەتتىن كۆپ ۋاقىت كېتەتتى. ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا ئوقپويىزنىڭ قاتنىشى بىلەن شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە كىردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەر سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بىر سائەتتىلا بارالايدىغان بولدى.

   جاڭ جيې مۇنداق دېدى: ھازىر ئوقپويىزغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا بىردەمدىلا بارغىلى، ئوقپويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن، ۋوگزالدىلا ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ تۇرپاننىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ، ئۆزىمىز جاپا تارتىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن لەنجوۋ–شىنجاڭ تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرىدىغان لىنىيە قاتارلىق تۈرلەر پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، ئۈرۈمچى–سانجى تۆمۈريولى ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى  شەرقىي جۇڭغار بۆلىكىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش تۈرى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، گولمۇد–كورلا تۆمۈر يولى (شىنجاڭ بۆلىكى)، ئالتاي  كۆكتوقاي  شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى قاتارلىق تۈرلەر ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا بىر نەچچە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىمال–ئوتتۇرا–جەنۇب ئۈچ چوڭ يولى تېز شەكىللەنمەكتە. ‹‹تۆمۈريول تورىنىڭ قۇرۇلمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللەشمەكتە، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريولى <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى››.

   تۆمۈريول تورىنىڭ مۇكەممەللىشىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى يېقىنلاشتى، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە 24 سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بېرىش ۋاقتى بەش سائەتكە قىسقاردى. ئالتۇن كۈز پەسلىدە جاڭ جيې پويىزدا شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىپ كېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

   تور مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قۇرۇقلۇق يوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلدى

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، تۆمۈريولدىن تەركىب تاپقان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت تېز يوللىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

   ئۈرۈمچى–لەنجوۋ ئوقپويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا بارىدىغان ۋاقىت 12 سائەتكە قىسقاردى.

   G7 بېيجىڭ  شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىپ، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى خۇاچى سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىچكى ئۆلكە بازارلىرىنى ئېچىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. مەزكۇر شىركەت بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا زور كۈچ بىلەن بازار ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ رايونلاردا ساتتى.

   قوش غەرب تاشيولى (ياۋروپانىڭ غەربى  جۇڭگونىڭ غەربى)نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى، قورغاس دېخۇڭيۈەن ئەشيا ئوبوروتى پەن–تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىدىغان پۇرسىتى كەلدى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى دۇڭ لى مۇنداق دېدى: قورغاسنىڭ قاتناش تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى ماس كەلدى.

   بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ 111 دۆلەت يولى تىرانسپورت لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچىنى مەركەز، يول بويىدىكى رايونلارنى تۈگۈن، چېگرا پورتىنى ئالدىنقى سەپ قىلغان، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

   جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان قاتناش تورىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقى تېخىمۇ قىسقاردى.

   كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇب ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت چوڭ يولى قۇرۇشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ، G30 لىنىيەسى تۇرپان–پارچىساغال يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بۇ يىل پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ، گولمۇد–كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە كېلەر يىلى 10–ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇنىدۇ... ھەر تەرەپكە راۋان تۇتاشقان چوڭ يوللار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى