تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى دەۋردە پۈتۈلگەن كۈرەش نەتىجىلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ خەيچۈەن

   يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد زىيالىيلار ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچ–قۇدرىتىنى بېغىشلىدى، بەزىلىرى ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىش–ئىزلارنى قالدۇردى.

   ‹‹ۋەتەنگە قانداق كەسىپ ئېھتىياجلىق بولسا، مەن شۇ كەسىپنى ئۆگىنىمەن››. بۇ، پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ دۆلەتكە بەرگەن مەڭگۈلۈك قەسىمى. چيەن شۆسېن، دېڭ جياشيەن، گو يۇڭخۇەي قاتارلىق ‹‹ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ››نىڭ تۆھپىكارلىرى ۋە شىئەن قاتناش داشۆسىدىكى ‹‹غەربكە كۆچكەنلەر›› قاتارلىق پېشقەدەم زىيالىيلار دەل بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەردۇر. ھازىر، خۇاڭ دانيەن، لى باۋگو، جۇڭ ياڭ قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر زىيالىيلار دۇنيا كىشىلىرىگە بۇ روھ ئۇچقۇنىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

   دەل مۇشۇنداق كۈرەش روھىغا تايىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكى جۇڭگو ۋۇجۇدقا كەلگەن. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلدىن تارتىپ، خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئوق پويىز گۇرۇپپىلىرىغىچە، ‹‹سامانيولى 1–نومۇر››ناملىق سېكۇنتىغا 100 مىليون قېتىم ھېسابلىيالايدىغان زور تىپتىكى ھېسابلاش ماشىنىسىدىن تارتىپ، ‹‹شېنۋېي›› ناملىق E دەرىجىلىك گىپېر ئارىفمېتىكىلىق ئەندىزە ماشىنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ ياسالغىچە، ‹‹شەرق قىزاردى›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ، جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغىچە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى... تارىخ بېتىدە نۇر چاقنىغان بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندى.  بۇلار سانسىزلىغان زىيالىيلارنىڭ قان–تەرى ۋە قۇربان بېرىش بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلگەن.

   دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش. بەزى كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات. 2001–يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى 18 تۈركۈم بويىچە بېيدەيخېغا يازلىق دەم ئېلىش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلدى. بۇ يىلقى دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش تىزىملىكىدە، لى باۋگو بىلەن جۇڭ ياڭنىڭ خوتۇنىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىككى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى ئىلمىي ماقالىسىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئېگىزلىك ۋە تاغ جىلغىلىرىغا يېزىپ، كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ھاياتى بىلەن پاك قەلبىنىڭ ئىللىقلىقىنى ۋە دەۋرنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلدى.

   جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ؛ تېخى تاماملانمىغان ئىشلار كۈچ ئۇلاپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارلىق زىيالىيلار پەن–تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ‹‹ئىككىنچى باھارى››نى كۈتۈۋالدى. بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى پەن–تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تۈگىمەس پارچە–پۇرات ئىشلاردىن ئازاد قىلغاچقا، ئۇلار دىققەت نۇقتىسىنى قايتىدىن ئالدىنقى سەپ ساھەسىگە مەركەزلەشتۈردى. ئىلىم–پەننى ئۇلۇغلايدىغان، بىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات پەن–تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرىپ، ماددىي مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان ئاددىي–ساددىلىقنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولدى.

   قالمىدى بىز باسمىغان تاغ، تۇرىمىز ياپياش يانا، مەنزىرە بۇندا گۈزەل تەڭداش تېپىلمايدۇ ئاڭا. يېڭى تارىخىي مۇساپىدە ئەگرى–توقايلىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغىلارغىمۇ دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، بىراق ئالدىنقىلار ئۈلگە يارىتىپ بەردى: كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مىڭبىر جاپا–مۇشەققەتلەردە يول ئېچىلدى. پەقەت ئالدىنقىلار ئاچقان يولنى بويلاپ ئورتاق كۈرەش قىلغاندىلا 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

   (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 10–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى