تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمەن

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت نۇرىمان ھىمىت

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەكسىيەتچىل كۈچ. ۋەتەننى پارچىلاشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇلار ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كىشىنىڭ غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغايدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن.

  ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن. تەشۋىقات ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگو تارىخى ۋە شىنجاڭ تارىخىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ھەقىقىي چۈشىنىشكە، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن. ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەزەلدىن ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشاپ كەلگەن جاي ئىكەنلىكىنى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئۇزاق مۇددەتلىك كۆپىيىش – يېتىلىش، پارچىلىنىش، قوشۇلۇش جەريانىدا، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولغان، بار – يوقنى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش، قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتىمەن.

  ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يەنە ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئالىمەن. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› خاتا ئىدىيەسىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ئىزچىل دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئۈزۈل – كېسىل ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىپ چىقىمەن، پاكىز يوقىتىمەن. ئەمەلىي ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىمدە، توغرا بولغان ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى شىنجاڭ تارىخى ئوقۇتۇشىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرىمەن؛ لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئامما ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان خاتا ئىدىيەلەرنى تۈزىتىپ، مۈجمەل قاراشلارنى ئايدىڭلاشتۇرىمەن؛ ئوقۇتقۇچىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىمەن.

  شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، توغرا ئىدىيەۋى قاراش تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلساقلا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى