تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

  خوتەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى كالۇبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

      ‹‹قاراڭ، بۇ يەرلىك شاپتۇللارغا، ھەم چوڭ، ھەم سۇلۇق، بەكمۇ تەملىك، يېگەنسېرى يېگىڭىز كېلىدۇ››. 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى كالۇبويى كەنتىدىكى يەرلىك شاپتۇل توپ سېتىش بازىرى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى، كەنت ئاھالىلىرى لىق يەرلىك شاپتۇل بېسىلغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتلارنى مىنىشىپ بازار ئىچىگە كىرىپ – چىقىپ تۇراتتى، بازارغا يەرلىك شاپتۇل سېتىۋېلىشقا كەلگەنلەرمۇ كۆپ ئىدى، كەنت ئاھالىسى جېلىل باراتنىياز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يەرلىك شاپتۇللىرىنى داڭلاۋاتاتتى.

  ‹‹بۇ بىر نەچچە سېۋەت شاپتۇلنى مەن سېتىۋالاي، باھاسىنى ئازراق چۈشۈرۈپ بېرىڭە››، ‹‹ئاغىنە، سىز تاللىغان بۇ سېۋەتلەردىكى يەرلىك شاپتۇللارنىڭ سۈپىتى بەك ياخشى، باھاسىنى ئەمدى چۈشۈرۈپ بېرەلمەيمەن...››، كەنت تاشيولى بويىدىكى يەرلىك شاپتۇل توپ سېتىش بازىرىدىن كىشىلەرنىڭ باھا تالىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. جېلىل بەش سېۋەتتىكى 60 كىلوگىرام يەرلىك شاپتۇلنى ئاخىر 700 يۈەنگە ساتتى.

  خوتەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ لايقا يېزىسى كالۇبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ ھەل قىلىپ يەرلىك شاپتۇل توپ سېتىش بازىرى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شاپتۇللىرىنى سېتىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  يەرلىك شاپتۇل توپ سېتىش بازىرىنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى

  يەرلىك شاپتۇل سورتى ياخشىلانمىغان شاپتۇلنى كۆرسىتىدۇ. كالۇبويى كەنتىنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى زور، كۈن نۇرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتى سەۋەبىدىن يەرلىك شاپتۇل بەك ئوخشايدۇ. ئانچە چىرايلىق بولمىغان يەرلىك شاپتۇللار سۇلۇق، تاتلىق بولۇپ، چىشلىگەن ھامان ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇ يەرنىڭ شاپتۇلىنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ.

  كالۇبويى كەنتىدىكى يەرلىك شاپتۇل توپ سېتىش بازىرى ئىلگىرى بىكار يەر بولۇپ، بەزى كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە يەرلىك شاپتۇللىرىنى ساتاتتى، كېيىن شاپتۇل ساتقۇچىلار بارا – بارا كۆپەيگەچكە، بۇ يەر تەبىئىيلا يەرلىك شاپتۇل بازىرىغا ئايلاندى.

      جېلىل مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەرنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق ئىدى، كۆپچىلىك شاپتۇللىرىنى خالىغان يەردە ساتاتتى، ھەممە يەر چاڭ – توزانغا تولغان، قالايمىقانىدى، ھازىر بۇ يەر باشقۇرۇلغاندىن كېيىن، خېلىلا رەتكە چۈشتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسى كەنت ئاھالىلىرىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالغاندىن كېيىن، خەلق تۇرمۇشى تۈر مەبلىغىدىن 500 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ، بازار مەيدانىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، لاپاس ئورناتتى ھەم ساقلاش ئۆيى، سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قاتارلىقلارنى سېلىپ، بازارنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پىلانلىدى.

  كالۇبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى ئابدۇللا ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: يەرلىك شاپتۇلنى ساقلىماق تەس، شۇ كۈنى سېتىلمىسا بۇزۇلىدۇ. سوغۇق ساقلاش ئامبىرى سېلىنسا، يەرلىك شاپتۇللارنى شۇ كۈنى ساتالماسلىقتىن ئەنسىرىمەيمىز. توپ سېتىش بازىرى تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ مېۋىلەرنى ساقلاپ ۋە سېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

       تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ، تەسىر كۈچى كېڭەيتىلدى

  يەرلىك شاپتۇلنى پارچە سېتىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن ئابدۇراخمان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن يەرلىك شاپتۇللارنى سۈپىتى ۋە دەرىجىسىگە ئاساسەن ئايرىم – ئايرىم سېۋەتلەرگە قاچىلىدىم، سۈپىتى ئەڭ ياخشى 12 كىلوگىرام يەرلىك شاپتۇلنى 170 يۈەنگە ساتالايمەن، بىر كۈندە 2000 يۈەنلىك شاپتۇل ساتتىم.

  خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى يەرلىك شاپتۇلنىڭ سېتىلىش يوللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىپ، ‹‹كالۇبويى يەرلىك شاپتۇلى›› تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، پارچە سېتىش ئەترىتى قۇرۇپ، يەرلىك شاپتۇلنى پارچە ساتىدىغان 20دىن كۆپرەك كىشىگە خىزمەت كىنىشكىسى، ئېلېكتىرونلۇق تارازا ۋە كىچىك كاناي تارقىتىپ بەردى ھەم پارچە سېتىش ماشىنىسىغا چاپلىنىدىغان ئېلاننى بىر تۇتاش بېكىتىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىك شاپتۇل سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى.

  سائەت 00: 19 بولۇپ قالغان بولسىمۇ، گۈلەمبەر ئەمەت ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىغا مىنىپ، توپ سېتىش بازىرىغا كىردى، باغچى بازىرىدىن كەلگەن مەتتوختى نۇرمەمەت ئۇنى توسۇپ، تېزدىن يانچۇقىدىن پۇل چىقاردى. ‹‹شاپتۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالاي، باھا قويۇڭ››، ئىككىيلەن تېزلا باھادا كېلىشىپ، ئون سېۋەت يەرلىك شاپتۇلنىڭ نەرقىنى 1700 يۈەنگە پۈتۈشتى. گۈلەمبەرنىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەتىگەن ئۆي ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۆيدىكى شاپتۇللارنى بازارغا ئەمدى ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئىلگىرى يەرلىك شاپتۇلنى ھەر تەرەپكە قاتىراپ يۈرۈپ ساتاتتۇق، ھازىر بازاردا ئالىدىغانلار كۆپ، تېز سېتىلىدۇ، باھاسىمۇ ئۆرە.

  كالۇبويى كەنت يەرلىك شاپتۇلىنىڭ داڭقىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەت ئەترىتى بۇ ‹‹شەرق شامىلى››دىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يەرلىك شاپتۇلنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى. بۇ يىل كالۇبويى كەنتىدە 1000 مودىن كۆپرەك يەرگە شاپتۇل كۆچىتى تىكىلدى، شاپتۇللار مېۋىگە كىرسە، كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مو يەردىن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ.

  يەر ئوبوروتىدا قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  كالۇبويى كەنتىنىڭ ياڭىقى گەرچە يەرلىك شاپتۇلدەك داڭلىق بولمىسىمۇ، سۈپىتى خېلى ياخشى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بىر خىل ھەم قوپال بولغانلىقتىن، ئۈنۈم تۆۋەن ئىدى.

      خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسى ياڭاقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹يەر ئوبوروت›› ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تارقاق ياڭاق ئۆستۈرۈشنى تۈجۈپىلىك ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى ۋە تۈرتكىسىدە، ياڭاق ئۆستۈرگەن ئون ئائىلە بىرلىشىپ ‹‹سۇلتان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى››نى قۇردى، ئارقىدىن 650 ئائىلىلىك دېھقان تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا يەرنى ئوبوروت قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوبوروتقا قاتناشتۇردى.

  كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: مەن ياڭاقلىقىمنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروتقا قاتناشتۇردۇم، جاپا تارتمايلا بىر يىلدا 4600 يۈەن پايدىغا ئېرىشەلەيمەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلىسەم، ئايدا يەنە 3000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن.

  ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇلغان ياڭاقلىققا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، تىكىش – پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياڭاقنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن دېھقانلارنىڭ قوش پايدا ئېلىش نىشانىغا يەتتى.

  ھازىر بۇ كەنت يەرنى ئوبوروت قىلىپ 742 ئەمگەكچىنى ئازاد قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 257 كىشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ياڭاق پەرۋىشىگە ۋە كۈندىلىك مەشغۇلاتقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، مۇشۇ بىر تۈردىلا كىشى بېشى كىرىم 1500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى