تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل 28 ئېغىر نامرات كەنتكە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى روزىئېلى ئەمەر 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىشىك ئالدىدىكى تۈپتۈز كەتكەن ئاسفالت يولغا قاراپ، خۇشال ھالدا: ھازىر كەنت يوللىرى ياخشىلاندى، بىزنىڭ ئېتىزغا بېرىپ دېھقانچىلىق قىلىشىمىز ۋە بازارغا بېرىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، دېدى. تېخى بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، روزىئېلىنىڭ ئىشىك ئالدى توپا يول ئىدى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توكسىكلىت ئۆتسە توپا-چاڭ كۆتۈرۈلەتتى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يول پاتقاق بولۇپ كېتەتتى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە 13 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك يېزا تاشيولى ياسالدى، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، ۋىلايەت بويىچە يېزا تاشيولى مۇساپىسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى.

  قاتناش-تىرانسپورت يۆلەش-ئېچىشتىكى مۇھىم ساھە، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۇللۇق ۋە يېتەكچى خاراكتېرلىك شەرت. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، ئاسفالت يوللار دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ «ئۈمىد يولى» ۋە «بېيىش يولى»غا ئايلاندى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 122 مىڭ 800 كىلومېتىر(بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يەتتى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يوللىرى تېخى قاتتىقلاشتۇرۇلمىغان يېزا – بازارلار، ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ قاتناش شارائىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشىلىدى.

       ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شى دېمىڭ مۇنداق دېدى: يېزا تاشيولى نامرات رايونلارغا نىسبەتەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسى، بۇ يىل، قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى قاتناش ئىشلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ قاتناش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

       ئىگىلىنىشىچە، 2020 – يىلىدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسى دىققەتنى ئېغىر نامرات 22 ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان – ۋەزىپىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قالغان بەش يېزا – بازارنىڭ يولىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش، 51 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن، 2018 – يىلى بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت يېزا – بازار، 28 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

    شى دېمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 2703ى يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 9 مىليارد 810 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، قۇرۇلۇش مۇساپىسى 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىدا 933 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى(قۇرۇلۇش قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى)، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى بىر يېزا، ئۈچ ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش تۈرى تاماملاندى.

    ھازىر تاشيول تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش – تىرانسپورت تارماقلىرى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. شى دېمىڭ مۇنداق دېدى: جايلار سۈپەت بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، قاتناش ئىشلىرى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى