تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان ئۈمىد يولىغا يېتەكچىلىك قىلىش

« بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ بەش يىللىق نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (1)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ كې

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا سەپىرىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 2013-يىلى كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئىلگىرى-كېيىن «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

  بەش يىل جەريانىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قاراشتىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكىلىك كۈچ قوشۇپ، پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئەتتى.

  جۇڭگو ئىدىيەسى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

  «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى. بىز پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشىمىز كېرەك». 2017-يىلى 5-ئايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 140 نەچچە دۆلەت ۋە 80دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن ۋەكىللەرگە چاقىرىق قىلدى.

  يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭەيدى. تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات زور دولقۇنىدا ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، ئاچقۇچلۇق تۈرلەر ۋە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشلار ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

  دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشتى ۋە ئۇنى قوللىدى، 80دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ بۇ يىل 6-ئايدا، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى يېڭى بىر قېتىملىق كېڭەيتىش ئېلىپ باردى، مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەر تاماملانغاندىن كېيىن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئومۇمىي ئەزاسى كۆپىيىپ 87گە يېتىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەرگە تارقالغان؛ «كۆك ئىقتىساد يولى»، «مۇز ئۈستى يىپەك يولى»، «ھاۋا بوشلۇقى يىپەك يولى»، «رەقەملىك يىپەك يولى»... ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۆپ مەنبەلىك بىرلەشمە ھەرىكەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى.

  ياپونىيە ‹‹كۈندىلىك خەۋەرلەر›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا سودا قورۇقچىلىقى ۋە بىر تەرەپلىمىلىكنى يولغا قويغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تەسىر كۈچى سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ئېشىۋاتىدۇ، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا ئىشەنچكە تولدى.

  سىياسەتتە ئورتاقلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

     كامبودژانىڭ شيەنلىدىن شەرققە قاراپ ئاپتوموبىل بىلەن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن بارىدىغان 700 گېكتار كۆلەمدىكى ئىش مەيدانىنىڭ يەر يۈزىنى تازىلاش خىزمىتى تاماملاندى. بۇ، جۇڭگو كارخانىسى كامبودژادا مەبلەغ سالغان ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى تۈر›› شيەنلى ۋۇگې خەلقئارا يېڭى ئايرودۇرۇمى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق رامكىسىدا، بىر قاتار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كامبودژانىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

     تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور ئورتاق تونۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇشى، تەرەققىيات چوڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى، مۇۋەپپەقىيەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان جايلاردىن غەلىبە خەۋىرى ئۈزلۈكسىز تارقىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: ۋېنگىرىيە – سېربىيە تۆمۈريولىنىڭ سېربىيە چېگرا ئىچىدىكى بۆلىكىدە ئىش باشلاندى، پاكىستاننىڭ قاسىم پورتىدىكى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتتى، جۇڭگو ياردەم قىلغان ئافغانىستان دۆلەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بىناسى جىددىي سېلىنىۋاتىدۇ...

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى رۈەن زۇڭزې مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلەر يەرلىكنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، يەنە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشنى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو لايىھەسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ھەمكارلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى

  چاڭجياڭ دەرياسى ئېغىزى سىرتىدا، قىزىل رەڭلىك كونتېينېرلار شاڭخەي ياڭشەن پورتىغا زىچچىدە تىزىلغان بولۇپ، چۇڭچىڭدىن چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ شەرققە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پاراخوت غەربىي قىسىمنىڭ كىندىك رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى توختىماي توشۇيدۇ، بۇ جايدىن يەنە داۋاملىق ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىغا توشۇلىدۇ.

  شاڭخەي پورتى تاشقى سودا سۇ يولىنىڭ يېرىمىغا يېقىن يۈك ئوبوروتىنى ئىگىلەيدىغان ياڭشەن پورتى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا تايىنىپ، «شەرقتىكى چوڭ پورت» بولۇشتىن ئىبارەت 100 يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. سۇ يولى ئارقىلىق يېتىپ بارىدىغان ئافرىقا 600 نەچچە يىل ئىلگىرى جېڭ خې يېتىپ بارغان غەربىي ئوكياندىكى ئەڭ يىراق جاي ئىدى.

  دۇنيا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن لىنىيە بويىدىكى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات «تېز پويىزى»، «قولاي پويىزى»غا ئولتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىگە جايلاشقان گەنسۇ دىڭشى مەملىكەت بويىچە ياڭيۇ تېرىلىدىغان ئۈچ چوڭ رايوننىڭ بىرى. 2017-يىلى، دىڭشىدا تېرىلغان ئەلا سۈپەتلىك، سورتلۇق ياڭيۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق سۇپىسى ئارقىلىق، مىسىر، تۈركىيە، ۋىيېتنام قاتارلىق لىنىيە بويىدىكى ئالتە دۆلەتكە سېتىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئىلگىرى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ «ئاخىرقى ئۇچى» بولغان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسمەكتە.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىلىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو دۇنياۋىلىشىشقا سىڭىشىشتىن دۇنياۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈزلەندى، جۇڭگو ئىقتىسادى مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ۋە ساھەسى داۋاملىق كېڭىيىپ، جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلىدى.

  جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يىۋېي مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ۋە ئوچۇق ئىقتىساد يارىتىشتەك تەنتەنىلىك تاللىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا تەسۋىرلەنگىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى پىلانىدۇر.

  «بۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۆھپىسى!» ئېفىيوپىيەلىك 38 ياشلىق تېسفاي ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ ئارزۇسىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كېلىشى بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  تېسفاي جۇڭگو كارخانىلىرى تەشكىللەپ قۇرۇلۇش قىلغان ئافرىقىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول ئەددىس ئەبېبە – جىبۇتى تۆمۈر يولىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، تېسفاي مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ماكانلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئەددىس ئەبېبە – جىبۇتى تۆمۈر يولى تۈرىنىڭ ئېفىيوپىيە خەلقىگە بەخت يارىتىشى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، بىر-بىرىدىن زور قۇرۇلۇش، زور تۈرلەرنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نەتىجىلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.

  دۇنياۋى جامائەت مەھسۇلاتى ۋە مۇھىم خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىدىغان «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» بولۇپلا قالماي، سىياسەت، قائىدە ۋە ئۆلچەمنى قانات يايدۇرىدىغان «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»مۇ بولۇشى؛ ھەممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بولۇپلا قالماي، يۇقىرى ئۆلچەمدە بولۇشى؛ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماي، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشى؛ جۇڭگوغا نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، دۇنياغا تېخىمۇ بەخت يارىتىشى كېرەك.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنياۋى تەرەققىياتتا كۆرۈلگەن بەزى مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ۋە تولۇقلاپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال ياخشىلاش ئارقىلىق ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

  «<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش مەقسەت قىلىنغان» بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى يىغىنىدا ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بايان قىلغان سەمىمىي ئۈمىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىغا «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ئىدىيەسى كىرگۈزۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش چاقىرىق قىلىندى... ئېنىقكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارىسىدا زىچ ئىچكى باغلىنىش بار.

  بۈگۈنكى دۇنيادا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە موھتاج، تەرەققىيات تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشكە، تەڭپۇڭلۇققا موھتاج؛ رايون قىزىق نۇقتىسىدا داۋاملىق داۋالغۇش بولۇپ، تېررورىزم يامراپ، خالىغانچە زىيانكەشلىك بولۇۋاتىدۇ؛ تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئالدىغا قويۇلغان كەسكىن خىرىس... دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈزلىنىشى يېڭى ھەل قىلىش لايىھەسىگە جىددىي موھتاج.

       ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، كۆپ تەرەپلىمىلىك، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بولۇپ، بۇ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدىن جۇڭگو – ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغىچە، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بويىچە يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى؛ بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو-ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقا ئىتتىپاقى «2063-يىل قارالمىسى» ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە يېڭى ئومۇمىي پىلان، يېڭى تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  رۈەن زۇڭزې مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەتلەرنىڭ بىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يەرشارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، دۇرۇس، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئەمەلىيەت سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  شەرق يېتەكچىلىكىدىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىساد چەمبىرىكى غەربتە ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىگە ئۇلىنىپ، ئافرىقا ۋە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى قاپلايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى زىچ باغلاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئورتاق تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

  قازاقىستاندىن ھىندونېزىيەگىچە، يەنچىخۇ كۆلىدىن شىزىخۇ كۆلى بويىغىچە، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدىن جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىغىچە... رەئىس شى جىنپىڭ كۆپلىگەن خەلقئارا سورۇندىن پايدىلىنىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ دەۋر مەزمۇنى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يىراققا تۇتىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

  كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىز ھاسىل قىلىدۇ، سانسىز يۇلتۇزلار سامانيولىنى يورۇتىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر قەدەممۇقەدەم سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۈنلەپ، ئايلاپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى تەسەۋۋۇرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.