تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

بالدۇر بالىلىق بولۇش بىلەن كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ پەرقى

    بالدۇر بالىلىق بولۇش بىلەن كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

   بۇ نۇرغۇن ياش ئەر-ئاياللارنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان مەسىلە. نۇرغۇن ياش ئاياللار ئىقتىسادنىڭ بېسىمى تۈپەيلى ئالدى بىلەن پۇل تېپىپ، يېتەرلىك پۇل تاپقاندا ئاندىن بالىلىق بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالدۇر بالىلىق بولۇش بىلەن كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ پەرقى چوڭ. مەسىلەن:

   ئاياللارنىڭ تۇخۇمىنىڭ سۈپىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ

   گەرچە ئاياللار ھەيز كېسىلىشتىن ئىلگىرى ئىزچىل تۇخۇم ئىشلەپچىقىرالىسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان ياشتىكى تۇخۇمنىڭ سۈپىتى ئوخشاش بولمايدۇ. تېببىي تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، 25 ياشتا ئاياللارنىڭ بەدىنى ۋە تۇخۇمىنىڭ سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن، بۇ يۇقىرى پەللە تەخمىنەن بەش يىل داۋاملىشىدىكەن، يەنى 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ تۇخۇمىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن، شۇڭا 30 ياشتىن ئاشقاندا بالىلىق بولغاندا، بالىغىمۇ تەسىرى بولىدىكەن.

   ئاياللارنىڭ تەبىئىي يەڭگىشكە بولغان بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ

   كۆپىنچە كىشىلەر ئانا تەبىئىي يەڭگىگەن(ئوپېراتسىيە قىلمىغان) بالا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ، دېگەن قاراشقا ئىشىنىدۇ. گەرچە بۇ قاراشنىڭ مۇتلەق ئاساسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەتتە تەبىئىي يەڭگىش، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ يەڭگىشكە قارىغاندا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ پايدىلىق. ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تەبىئىي يەڭگىش شارائىتىنى ھازىرلىيالمايدۇ، ئاياللارنىڭ جىسمانىي كۈچى، تۇغۇت يولىنىڭ ئېلاستىكلىقىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، تەبىئىي يەڭگىگەندىكى ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

    ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ

   بالدۇر بالىلىق بولغان ياش ئاياللارنىڭ جىسمانىي كۈچى كېچىكىپ بالىلىق بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ، بەدىنىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىمۇ تېز بولىدۇ. يەنە كېلىپ تۇغۇتنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولۇپ، بەدەن ساپاسى مەڭگۈلۈك تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر ياشراق بولسا بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشىراق بولىدۇ.

   ئاياللارنىڭ بالىنى تەربىيەلەش مەسىلىسىدە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ

   رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە، بالىلارنىڭ تەربىيە مەسىلىسى كۈنسېرى تېخىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنماقتا. بالدۇر بالىلىق بولغاندا بالىلارنى تەربىيەلەشكە تېخىمۇ كۆپ زېھىن ئاجراتقىلى بولىدۇ، كېچىكىپ بالىلىق بولغاندا ئاتا-ئانىنىڭ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىپ، بېسىم تېخمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ تەربىيە مەسىلىدە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمايدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى