تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پەمىدۇر قىيامى ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى نيۇ خەييەن خەۋىرى، فوتوسى: جۇڭلياڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تۈنخې ئۇچتۇرپان مېۋە-كۆكتات شىركىتىدىكىلەر 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، دېھقانلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئۆزلىرى تېرىغان پەمىدۇرلارنى بۇ شىركەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى. شىركەتتىكى خادىملار كۆڭۈل قويۇپ يۇيۇپ، بىرمۇ-بىر تاللاپ، ئاخىرىدا پەمىدۇر قىيامى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىناتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 1500 توننا پەمىدۇر، 600 توننا ئۆرۈك پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقىپ، پەمىدۇر، ئۆرۈك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا باشلامچىلىق قىلىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى