تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ئىككى سائەت ئىچىدە بىر يۈەنگە ئاپتوموبىل توختىتىش ئېتىبار پائالىيىتى يولغا قويۇلدى

بىر ئاپتوموبىل ئىگىسى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا  «ئىندۇكتىۋسىز ھەق تۆلەش» ئارقىلىق بىر يۈەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئايرىلماقتا.

    «ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، نەق پۇل تۆلەپ، كارتا سۈركەش ھاجەتسىز، ئاپتوماتىك ھەق تۇتىلىدۇ»، 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئاپتوموبىل توختاتقان ۋاقىت ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسە پەقەت بىر يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى «ئىندۇكتىۋسىز ھەق تۆلەش+ بۇلۇت ئاپتوموبىل توختىتىش» (无感支付+云停车) سىستېمىسىنى يولغا قويدى، شوپۇرلار يان تېلېفون APP دېتالى ياكى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ««ئىندۇكتىۋسىز ھەق تۆلەش» (无感支付) ئۈچۈن شوپۇرلار پەقەت قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ يان تېلېفون APP دېتالىنى چۈشۈرۈپ، قۇرۇلۇش بانكىسى «ئەجدىھا ھەق تۆلەش (龙支付)» ئىقتىدارىنى ئېچىپ يان تېلېفون بانكىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىندۇكتىۋسىز ھەق تۆلەش ئىقتىدارى بېتىگە كىرىپ، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى نومۇرىنى ئەجدىھا ھەق تۆلەش ئىقتىدارىغا باغلىغاندا ئاپتوموبىل ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى ھەق ئېلىش ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، سىسىتېما ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھەق تۇتىدىكەن.

   «بۇلۇت ئاپتوموبىل توختىتىش»ى (云停车) بولسا «ئىندۇكتىۋسىز ھەق تۆلەش» كە كارتا نومۇرىنى باغلىمىغان شوپۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئايرىلغاندا شوپۇرلار «شىنجاڭ قۇرۇلۇش بانكىسى» نىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ياكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق بۇلۇت ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش بېتىكە كىرىپ، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىدىكى نومۇرنى كىرگۈزگەندە، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقنى تەكشۈرەلەيدىكەن ھەمدە ئۈندىدار، بانكا بىرلەشمىسى، «ئەجدىھا ھەق تۆلەش» قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى