تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىق ‹‹قالپاق›› ىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلىشى ئۈچۈن

  ___  خېجىڭ ناھىيەلىك يۆلەش–ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بايىنخۇر توغرىسىدا

  يۈەن خەيجۈن

  ئۇ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ھەربىر كەنتىنى ئارىلاپ، پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىنى مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزدى؛ ئۇ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھارماي – تالماي ئىشلىدى؛ ئۇ، نامراتلارنى يۆلەش ئىش ئورنىدا ئۇدا 20 يىل ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە كىرگەندە بەرگەن تەنتەنىلىك قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى... ئۇ دەل خېجىڭ ناھىيەلىك يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بايىنخۇر.

   نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقىچە

  8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇغانىدى، خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت يېزىسىنىڭ كىرغۇت كەنتىدىكى چىجاپ ھويلىسىدىكى كۆكتاتلىقتا ئىشلەۋاتتى.

    ياپيېشىل كۆكتاتلارغا قاراپ، چىجاپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بايىنخۇرنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، ئائىلىمىزنىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى، پارتىيەنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى كادىرنى ئەۋەتىپ بەرگىنىگە رەھمەت.

  كىرغۇت كەنتى چارۋىچىلىق كەنتى، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىسى چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، كەنت ئاھالىسى چىجاپ 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پۇتى ئاجىز بولغاچقا، داۋاملىق چارۋا بېقىشقا ئامالسىز قالدى، خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولمىغاچقا، بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالدى. بايىنخۇر ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىجاپنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنى كۆكتات تېرىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  چىجاپ مۇنداق دېدى: بايىنخۇر نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى ماڭا كۆكتات ئۇرۇقلۇقى، سولياۋ يوپۇق قاتارلىقلارنى ئەكىلىپ بېرىشكە ھاۋالە قىلدى.

  بايىنخۇر يەنە كۆكتات تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىپ، چىجاپقا كۆكتات تېرىشنى ئۆگەتتى. چىجاپ بۇلتۇر تېرىغان كۆكتاتلىرىدىن ھوسۇل ئالدى.

  كۆكتاتلار يىغىۋېلىنغاندا، چىجاپ ‹‹كۆكتاتلارنى كىمگە سېتىپ بېرىش كېرەك؟›› دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلدى.

  ئەمەلىيەتتە، بايىنخۇر بۇرۇنلا ئۇنىڭ غېمىنى يېگەنىدى. ئۇ خېجىڭ ناھىيە بازىرىدا چىجاپقا ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلغاندىن سىرت، يەنە چىجاپقا كۆتاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئاشخانا ئۇقۇشۇپ بەردى.

     بايىنخۇرنىڭ ياردىمىدە، چىجاپ ئائىلىسىنىڭ كۆكتاتلىرى سېتىلىپ بولدى، چىجاپ پۇل ساناۋېتىپ خۇشال بولدى، ئۇ غەلىبىلىك ھالدا چارۋىچىدىن كۆكتاتچىغا ئايلانغانىدى.

  بايىنخۇرنىڭ قانچىلىك نامرات كەنت ئاھالىسىنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىگەنلىكى ئۆزىنىڭمۇ ئېنىق ئېسىدە يوق. بايىنخۇر مۇنداق دېدى: مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى ھەم نامراتلارنى يۆلەش كادىرى، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مېنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىم.

  بۈگۈنكى كىرغۇت كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، باقمىچىلىقنى گۈللەندۈردى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇردى... كەنت ‹‹نامراتلىق قالپىقى››نى چۆرۈپ تاشلىدى، كەنت ئاھالىلىرى بېيىش يولىغا ماڭدى. 2017 – يىلى، خېجىڭ ناھىيەسى 6473 ئائىلىدىكى 17 مىڭ 162 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، ئون نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى %0.49كە چۈشتى.

    بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش

  8- ئاينىڭ 2 – كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرىنىڭ كېزە كەنتىدىكى 39 ياشلىق كەنت ئاھالىسى سالمان ئىمىن ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن، دەل ۋاقتىدا ئىشقا ماڭدى.

  بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، سالماننىڭ خوتۇنى تۈگەپ كەتتى، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئۇ ئۇزاق مۇددەت سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغاچقا، سەككىز مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

  2017 – يىلى، بايىنخۇر سالماننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى.

  سالمان: بايىنخۇر ئائىلىمىزنىڭ سەككىز مو يېرىنى ھۆددىگە بېرىشىمگە ياردەم بەردى ھەم ماڭا كەنتتىن خىزمەت تېپىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن مەن پۇل تېپىپلا قالماي، بالىلىرىمنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايدىغان بولدۇم، بۇ بەكمۇ ياخشى ئىش بولدى، دېدى. سالمان ھازىر ھەر ئايدا 1000 يۈەن مائاش ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا 500 يۈەن تولۇقلىمىمۇ بار.

  بۇ بىرقانچە يىلدا، بايىنخۇر نامرات ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، بىرمۇبىر ئەھۋال ئىگىلەپ، نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى قوزغىدى.

  بايىنخۇر مۇنداق دېدى: خېجىڭ ناھىيەسى ‹‹تۆتنى بىر گەۋدە قىلىش›› نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، مەخسۇس مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش شەكلىدە نامراتلارنى يۆلىدى. ‹‹نامراتلارنى يۆلەش›› بىلەن ‹‹ئىرادە تىكلىشىگە ياردەم بېرىش››نى، ‹‹قان بېرىش›› بىلەن ‹‹قان ئىشلەش››نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يۆلەش – ئېچىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت››، ‹‹16 تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنامە›› ۋە نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

   «نامراتلارنى يۆلەش››، تېخىمۇ مۇھىمى ‹‹ئىرادە تىكلىشىگە ياردەم بېرىش››

  بايىنخۇر ماتېرىيال تەكشۈرۈش، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، كەنتتىكى بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەردە ‹‹كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. بايىنخۇر كەنتتە قانات يايدۇرۇلغان ‹‹دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى كەنت قائىدىسى، پۇقرالار ئەھدىنامىسى›› پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كەنت كادىرلىرى سۆزلەش ۋە بېيىش يولىغا ماڭغان كەنت ئاھالىلىرى تەجرىبە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.

  بايىنخۇر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى، ھازىر، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى كەنتتىن چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى خالايدىغان بولدى، ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلىنىشكە ئاكتىپ تىزىملاتتى.

  بۇ يىل خېجىڭ ناھىيەسى ساھە، كارخانا، شەخس قاتارلىقلارغا تايىنىپ، نامراتلارغا ياردەم بېرىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

  بايىنخۇر دائىم كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق تەربىيە قىلىدۇ: بەخت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ. بىز بىر جۈپ ئىشچان قولىمىزغا تايانساقلا، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى