تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەستايىدىل بولۇشقا، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايوننىڭ يۆلەش–ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەت يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى

  ئەستايىدىل بولۇشقا، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، ئاپتونوم رايون يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇدىرلىرى سۆھبەت يىغىنى، مەملىكەتلىك ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى يىغىنى، ‹‹ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست››نىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەملىكەتلىك شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى، مەملىكەتلىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، 2 – تۈركۈمدىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت ئەھۋالى خۇلاسىلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ئارقا – ئارقىدىن مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇدىرلىرى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق بىرقانچە مۇھىم يىغىننى تەشكىللەپ ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتىكى پولاتتەك ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن دىققىتىنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنىڭ ئىستىلى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئومۇمەن ئوڭۇشلۇق بولدى. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت پۇختا بولماسلىق، ئىنچىكە بولماسلىق، توغرا بولماسلىق، كەسكىن بولماسلىق قاتارلىق مەسلىلەرمۇ ساقلاندى. ئايرىم جايلارنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولماسلىق، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولدى، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىككى قېتىملىق بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. مەسىلىنى بايقىيالماسلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق، بايقالغان مەسىلىنى دوكلات قىلماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ‹‹كىمنى يۆلەش››، ‹‹كىم يۆلەش››، ‹‹قانداق يۆلەش›› قاتارلىق مەسلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ئەستايىدىل ياردەم بېرىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئايلىنىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئايلىنىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، بارلىق ئېغىر نامرات كەنتلەرنى تولۇق قاپلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇل بولۇش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا – كەنتلەر تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تارقىتىشنى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرىلەشنى تۇتۇپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە تەربىيەلەشنى تۇتۇپ، روھىي جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشتە تەشۋىقاتنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىشتە چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىشنى تۇتۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى ئىجرا قىلىشتا تىپلارنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى