تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېتىقادى مۇستەھكەم، سادىق، مەسئۇلىيەتچان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى يارىتىش

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش–پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش ۋاڭ جىسەي 32 يىل ئارالنى، ۋەتەننى قوغداپ، قىلچە ئۆكۈنمەي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاجايىپ كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى ياراتتى. بىز بۇ خىل ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق سىياسىي خىسلىتىدىن، يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن، يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئۈن – تىنسىز چىڭ تۇرىدىغان، مىننەتسىز تۆھپە قوشىدىغان روھىدىن، يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ھاياتلا بولىدىكەن، كۈرەش قىلىشنى توختاتمايدىغان قۇربان بېرىش روھىدىن ئۆگىنىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، كەسىپچان بولۇپ، تۆھپە قوشۇپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

   ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ساداقەتمەنلىك سەھىپىسىنى يارىتىمىز

  ‹‹ۋاڭ جىسەينىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن قىلچە ئۆكۈنمەيدىغان، توختىماي ئالغا باسىدىغان كىشىلىك ھايات پوزىتسىيەسىنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان، قەتئىي باش ئەگمەيدىغان ئالىيجاناب روھنى ھېس قىلدۇق. ئۇنىڭ كەسىپكە بولغان بۇنداق قەتئىيلىكى ۋە تۆھپىسى <چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان> تەسىرلىك مۇھەببەتنى نامايان قىلدى››. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ئېرلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق، ئەستايىدىل – كەسىپچان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان مۇنەۋۋەر پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزۈم جاپا تارتساممۇ پۇقرالارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن جى شياۋشۇاڭ مۇنداق دېدى: يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ 32 يىل ئارالنى، ۋەتەننى قوغداپ، ئۈن – تىنسىز چىڭ تۇرۇپ ۋە بەدەل تۆلەپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاجايىپ كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى ياراتقانلىقى مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى ۋە ئىلھاملاندۇردى. مەن يولداش ۋاڭ جىسەيگە ئوخشاش ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ساداقەتمەنلىك سەھىپىسىنى يارىتىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

   چېگرانى ياخشى ساقلاپ، ۋەتەن دەرۋازىسىنى قوغدايمەن

  ‹‹قانچىكى جاپالىق يەردە، ۋەتەن ۋە خەلققە شۇنچە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك››. پامىر ئېگىزلىكىدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۈەنىدىكى ۋىراچ ياڭ باۋشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئارالنى، ۋەتەننى قوغداش، قىلچە ئۆكۈنمەستىن دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز ھەم بۇنداق روھنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمدە، مەن ۋاڭ جىسەيدىن ئۆگىنىپ، چېگرا مۇداپىئەسى كوماندىر – جەڭچىلىرى ۋە يەرلىكتىكى چارۋىچى ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تەن ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرا مۇداپىئەسىنى ياخشى ساقلايمەن.

  شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۈەنى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ لى بارلىق كوماندىر – جەڭچىلەرنى دەرھال تەشكىللەپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم ليەندىكى بارلىق كوماندىر – جەڭچىلەرنى يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭ ئارالنى ئائىلىسىدەك بىلىپ، قىلچىمۇ ۋايسىماي، ئۆكۈنمەي قاراۋۇلخانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغانلىقىدىن ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈپ، جاپا تارتسىمۇ تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشتەك روھىدىن ئۆگىنىشكە، يولداش ۋاڭ جىسەينى ئۈلگە قىلىپ، ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى ساقلاشقا چاقىرىق قىلدى. پۈتۈن ليەندىكى كوماندىر – جەڭچىلەر بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىدىن روھىي ئوزۇق ئېلىپ، ئۇنى چېگرانى ياخشى ساقلاش ۋە قوغداشنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن چېگرانى ياخشى ساقلاپ، ياخشى قوغداپ، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىمىز، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىمىز.

  چېگرا لىنىيەسىنى قوغداۋاتقىنىغا 50 نەچچە يىل بولغان بىڭتۈەن 9 – شىسى 161 – تۈەنىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى پېشقەدەم ئەسكەر ۋېي دېيوۋ ئەر – خوتۇن رادىيودىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش ۋاڭ جىسەي ياشلىق باھارىنى ۋەتەننىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئىشلىرىغا بېغىشلاپتۇ، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى پېشقەدەم ئەسكەر، چېگرا قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چېگرا لىنىيەسىنى قوغداش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ھازىر يېشىم چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، ماڭغۇدەك ماغدۇرۇم بولسىلا چېگرانى داۋاملىق قوغدايمەن، چېگرادا مەڭگۈ يىلتىز تارتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى ياخشى قوغدايمەن، ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرىمەن.

   يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى

  جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكوم – مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زۇڭ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ مەسئۇلىيەتچان، جاپادىن قورقمايدىغان تۆھپە قوشۇش روھى بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، ئاددىي ئىش ئورنىدىمۇ ئالاھىدە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، يېزا – بازار ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى مەڭگۈلۈك قىممەت ئىنتىلىشى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي چۆرىدەپ، ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ چوڭ ئىشلىرى، كىچىك ئىشلىرى، ياخشى ئىشلىرى، ئۇششاق ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى تيەن شىن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر يېڭى بۇرچنى يۈكلىدى، يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ۋەزىپىمىزنى ياخشى ئورۇنداپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  (جاۋ جىيۈن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز: يۈ لى، خۇ جېڭ، ليۇ مېڭشىن، جاڭ شياۋمىن، ۋېن بو)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى