تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

  ناھىيە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ناھىيە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ئاساس ناھىيە رايونىدا، ھاياتىي كۈچ ناھىيە رايونىدا، قىيىن نۇقتىمۇ ناھىيە رايونىدا. ناھىيە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى تېزلىتىش ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە رايونىنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، كۆز قاراش، پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجادچان ناھىيە(شەھەر، رايون) ۋە ئىجادچان يېزا – بازار قۇرۇشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك بولغان ناھىيە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش يېڭى دولقۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك پەن – تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە ئوچۇق ئىقتىساد قۇرۇشتىكى يېڭى تۈزۈلمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يېڭى دەۋردە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، چەت ئەل مەبلىغىدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، قولاي، ئاشكارا، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تىجارەت – سودا مۇھىتى يارىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى