تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇرۇلۇش دولقۇنىدا مەزمۇت تۇرۇلۇپ، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلدى

  يۈەن لېي

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قورغاسنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سودا سوممىسى 20 مىليارد 686 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.8 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 381 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.6 ئاشتى. سۈرەتتە: 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە قازاقىستاننىڭ ئاپتوموبىللىرى ئۆچرەت بىلەن جۇڭگو تەرەپكە كىرمەكتە.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى)

  ئىلاۋە: بۇ يىل باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. بەش يىلدىن بۇيان، ‹‹ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش›› قارىشىغا ئاساسەن، سىياسەتتە ئورتاقلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى قاراشتىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت زور پۇرسەتنى پۇختا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم، ئىزچىل داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

   بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى توغرىسىدا ئالاھىدە خەۋەر›› بېرىلىپ، كۆپ قاتلامدىن، كۆپ نۇقتىدىن ئىستېرېئولۇق ھالدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت نامايان قىلىنىدۇ ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئۇلۇغ تەشەببۇسى قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەر، يارىتىلغان يېپيېڭى سەھىپىلەر گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  2013 – يىلى 9 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مېۋە – چېۋە مەي باغلىغان ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ شۇ يىلى 10 – ئايدا كوكۇس شامىلى ئارامبەخش ئېتىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ‹‹21 – ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۇنيا ئەھلىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، شەرقتىن كەلگەن بۇ تەشەببۇس دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى ھەم شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىشىپ، داغدام قەدەم بىلەن دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلىنىشىنى مىسلىسىز زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتتە ئورتاقلىشىشنى يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىدا شىنجاڭ رولىنى نامايان قىلدى.

   پۇرسەت چىڭ تۇتۇلۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى باشلاندى

  يېقىندا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تەرەققىيات دوكلاتى (2018 – يىلى)›› ئۈرۈمچىدە سىرتقا رەسمىي ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيەت ۋە يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا يەنە بىر قېتىملىق يېڭى مۇساپىنى كۈتۈۋالدى.

  2013 – يىلى ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2014 – يىلى 5 – ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، مەركەز يول قۇرۇلۇشىنى تايانچ قىلىپ، شىنجاڭنى ئىچكى قىسىمغا ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2015 – يىلى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى››نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ ئېنىق بېكىتتى.

  بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى ئورنىنى ئىلمىي بېكىتىشى؛ بۇ، شىنجاڭنىڭ تېپىلغۇسىز زور پۇرسىتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەۋزەللىكى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يولغا قويۇش پىكرى، ھەرىكەت پىلانى(2014 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)، يېتەكچى پىكرىنى ئارقا – ئارقىدىن تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

  شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ئىش ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشىدۇ. ئورۇننى ئىلمىي بېكىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن پۇرسەتكە ئېرىشتى.

   ئورتاقلىشىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ شىنجاڭ ساداسى ياڭرىتىلدى

  ئاپتونوم رايون يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت يىرىك پىلان سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىجرا سالمىقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي خوردا ئۆزىنىڭ دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى.

  2017 – يىلى 2 – ئايدىن 2018 – يىلى 8 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايون يادرولۇق رايوننىڭ ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› ۋە ‹‹ئون چوڭ ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى توپلاشقان رايون›› مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، ھەر بىر مەخسۇس يىرىك پىلاننىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق، نىشانى روشەن، تەدبىرى كۈچلۈك. بۇنىڭ ئىچىدە، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون سودا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى(2016 – يىلىدىن 2030 – يىلىغىچە)››دا، تۇنجى قېتىم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى نۇقتىسىدىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون سودا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى؛ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى››دا، ئۈرۈمچى رايونىنى مەركەز قىلىپ خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە داۋالاش مۇلازىمىتى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭنى ئىككىنچى مەركەز قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى، مىللىي تېبابەت خاسلىقىغا ئىگە داۋالاش – ساغلاملىق مۇلازىمەت توپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش بېكىتىلدى.

  2017 – يىلى ئاپتونوم رايون يەنە شىنجاڭنىڭ جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە، رۇسىيە قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئىقتىساد – سودا، ئادىمىيەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسەت، يىرىك پىلان يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىپ، چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ يەنە ئەتراپتىكى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسەت جەھەتتىكى جىپسىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو – پاكىستان، جۇڭگو – قازاقىستان، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە، جۇڭگو – تاجىكىستان قاتارلىق ھەمكارلىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گىرۇزىيە، تاجىكىستان قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللايدۇ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كارخانىلارنى ئەتراپتىكى ۋە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ كەسىپلەر رايونى، ئىمپورت – ئېكسپورت بايلىقىنى پىششىقلاش رايونى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە قوللايدۇ.

   سۇپا بەرپا قىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈلىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاشمايدۇ، تۈزۈمى ھەر خىل، قانداق قىلغاندا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى.

  ئاپتونوم رايون مېخانىزم ۋە سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق راۋان بولغان ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش يولى بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار بايلىقلارنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ۋە تۈرلەرنى ئىجرا قىلىشتا يولۇققان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تەسىر كۈچىگە ئىگە، بەلگە خاراكتېرلىك زور بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈردى.

  تاجىكىستان، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا زىيارەت ۋە ئالماشتۇرۇش جۇڭگو شىنجاڭنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئىقتىساد – سودا، كەسىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. گىرۇزىيە يىپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى مۇنبىرى قاتارلىق يۇقىرى قاتلاملىق مۇنبەر پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى، زور تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يادرولۇق رايوننىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئاساس سالدى.

  تۈزۈلمە – مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تۈرلەرنى توردا ئىلتىماس قىلىش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش سۇپىسى قۇردى. 2017 . يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تۈرىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ تەرەپ ئالاقىلىشىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان مەبلەغ سېلىش – مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى؛ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش پىكرى››نى تۈزدى، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش خىزمىتى قالتىس ئۈنۈملۈك بولدى، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتىدە، شۆھرىتى كۈنسېرى ئاشتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ تاجىكىستاندا قۇرغان توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى بۇ دۆلەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئەڭ جەلپكار جايغا ئايلاندى، تاجىكىستان دۈشەنبە ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاممىغا ئۇزاق يىل كۈتكەن ئىللىقلىقنى يەتكۈزدى، شىنجاڭ ‹‹سەنباۋ›› ئوقەتچىلىكىنىڭ قازاقىستان ئالمائاتا شەھىرىدىكى تىراللىبۇس شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان تۈرى قازاقىستان خەلقىگە راھەت، مۇھىت ئاسرايدىغان يول يۈرۈش تاللىشى ئېلىپ كەلدى... بۇلار كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا يۇغۇرۇلۇش قەدىمىنىڭ تەدرىجىي تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

    بەش يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقىچە، ئاندىن چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەشكىچە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ھەر بىر سىياسەت ئالاقىسىدە پۇختا ئىز قالدۇردى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى دولقۇنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئاتلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى