تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش–پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، شۇنداقلا يولداش ۋاڭ جىسەيگە ئوخشاش ئۇزاقتىن بۇيان جاپالىق ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇۋاتقان سانسىزلىغان يولداشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى ھەم يولداش ۋاڭ جىسەيدىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا چاقىرىق قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، تۆھپە قوشۇپ، ئۆكۈنمەي، پۇشايمان قىلماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئېتىقادى قەتئىي بولۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىش ئورنىدا ئۈن – تىنسىز چىڭ تۇرۇش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلققە تۆھپە قوشۇشنى مەڭگۈلۈك قىممەت ئىنتىلىشى قىلىش؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ھاياتلا بولىدىكەن، كۈرەش قىلىشنى توختاتماسلىقتەك قۇربان بېرىش روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئۆزىنى بېغىشلاش كېرەك.

  يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، تەبىئىي ئەۋزەللىكنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئورۇنلار ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەپەككۇر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنى تىرىشىپ تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتى، توردا ۋە تور سىرتىدا، ئەنئەنىۋى تۈرلۈك گۈللەنمە تاراتقۇلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشى كېرەك. قاتناش بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاۋىياتسىيە، تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قولاي، تېز ساياھەت ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى چۆرىدەپ، ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال قانۇن يۈرگۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مۇلازىمەت تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال – خۇرام كېلىپ، كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى قايتا كېلىشكە جەلپ قىلىشى كېرەك. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسىپكارلىرىنى تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر دەرىجىدە ۋەدىسىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەت كەسپىنى باشلامچى قىلىپ، پائال تۈردە تىك يۆنىلىشتە ئۇزارتىپ، تەكشى يۆنىلىشتە كېڭەيتىپ، بىرىكمە تەرەققىيات مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇل رەھبەر مەخسۇس باشقۇرۇپ، مەخسۇس تۇتۇپ، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى