ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل «تاغلارنى كۆكەرتىش» تۈرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇلتۇرقى «تاغلارنى كۆكەرتىش» تۈرىدە كۆكەرتىلگەن كۆلەم ئاساسىدا كۆكەرتىش كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە يامالىق تېغى، يەننەنخۇاڭ تېغى، دابەيشەن تېغى، ليۇجىنشەن تېغى ۋە ۋېنشيۇشەن تېغى قاتارلىق رايونلاردا «تاغلارنى كۆكەرتىش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، 20 مىڭ مو يەر كۆكەرتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش كۆلىمى 10 مىڭ مو، يەننەنخۇاڭ تېغىنى كۆكەرتىش كۆلىمى 5000 مو، دابەيشەن، ليۇجىنشەن ۋە ۋېنشيۇشەن تاغلىرىنى كۆكەرتىش كۆلىمى 5000 مو ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «تاغلارنى كۆكەرتىش» تۈرىدە تاماملانغان كۆكەرتىش كۆلىمى 6000 مودىن ئارتۇق بولغان.