قانچە مىنۇت پىشۇرغان تۇخۇم ئەڭ بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ؟
تۇخۇم باكتېرىيە بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان يېمەكلىك. چالا پىشقان تۇخۇمدىكى باكتېرىيەلەر تولۇق يوقىتىلمىغان بولغاچقا، ئانچە بىخەتەر ئەمەس. ئەگەر يۇقۇملانغان ياكى كېسەل تۇخۇم بولسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قانچە مىنۇت پىشۇرغان تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ؟
تۇخۇمنى قانچىلىك ۋاقىت پىشۇرۇش تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە زور تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاقسىل بىلەن مېنىرال ماددىلار ھەرگىزمۇ تۇخۇمنى بىر نەچچە مىنۇت ئۇزاق پىشۇرغانغا يوقاپ كەتمەيدۇ. تۇخۇمدىكى ۋىتامىنغا ئازراق تەسىر يەتسىمۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە يەنىلا زور تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
پىشۇرغان ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۇخۇمنىڭ تەمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ھەر كىم ئۆزىنىڭ ياقتۇرىدىغان تەمىگە ئاساسەن تۇخۇمنى پىشۇرۇش ۋاقتىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.