تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۇخۇمنى قانچە مىنۇت پىشۇرسا ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ؟ (1)

   پىشۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تۇخۇمنىڭ تەمىگە، بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا تۇخۇمنى قانچىلىك ۋاقىت پىشۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار تۆۋەندىكىدەك تەجرىبە ئىشلىگەن.

    بىر قازان سۇ قاينىتىۋېلىپ تۇخۇمنى قازانغا سېلىپ تۇۋاقنى يېپىپ، 1~15 مىنۇتقىچە پىشۇرىمىز.

    تۇخۇمنى قازاندىن ئېلىۋالغاندىن كېيىن سوغۇق سۇغا ئىككى مىنۇت چىلاپ، شاكىلىنى سويۇۋالىمىز.

    يۇقىرىقى سۈرەتتىن تۇخۇم پىشۇرۇش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    تۆۋەندە بۇ تەجرىبىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىمىز.
     1~2 مىنۇتقىچە پىشۇرغان تۇخۇم
     1~2 مىنۇتقىچە پىشۇرغان تۇخۇم تولۇق پىشمىغان بولۇپ، ئۈستى ئەمدىلا ئۇيۇشقا باشلىغان.
     3~5 مىنۇتقىچە پىشۇرغان تۇخۇم
     3~5 مىنۇتقىچە پىشۇرغان تۇخۇمنىڭ ئېقى ئازراق ئۇيىغان، سېرىقى تېخى سۇيۇق ھالەتتە تۇرغان.
    6~10 مىنۇتقىچە پىشۇرغان تۇخۇم
    6~10 مىنۇتقىچە پىشۇرغان تۇخۇمنىڭ ئېقى يۇمشاق ئۇيىغان، سېرىقى ئۇيۇشقا باشلىغان بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنداق پىشۇرغان تۇخۇمنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
    11 مىنۇتتىن ئارتۇق پىشۇرغان تۇخۇم
    11 مىنۇتتىن ئارتۇق پىشۇرغان تۇخۇم تولۇق پىشقان بولۇپ، سېرىقىمۇ قېتىشقا باشلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى