تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو ئۆسمۈرلەر پىئانىنو مۇزىكا ئۆمىكى سىنگاپور سەنئەت بايرىمىنىڭ «يەرشارى كېڭەيتىش باش ئەلچىسى»لىكىنى ئۈستىگە ئالدى

    خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، 2018-يىللىق سىنگاپور «SO ARTS خەلقئارا سەنئەت بايرىمى» شىر شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگودىن كەلگەن ئۆسمۈر پىئانىنو چالغۇچىلار ئەترىتى بۇ قېتىمقى سەنئەت بايرىمىنىڭ «يەرشارى كېڭەيتىش باش ئەلچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن نادىر نومۇرلارنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە تەكلىپكە بىنائەن سىنگاپورنىڭ «قەلەم-سىياھ ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىش » زۇڭتۇڭ خەير-ساخاۋەت كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى.
    ئۆسمۈر پىئانىنو چالغۇچىلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تاڭ جۆچېن، چېن زەي، شۈ زىشۈەن، يېتەكچىسى لىيۇ جيەننىڭ باشچىلىقىدا، تەكلىپكە بىنائەن ئالتە كۈنلۈك «SO ARTS خەلقئارا سەنئەت بايرىمى» غا قاتناشتى. بايرام مەزگىلىدە، بۇ ئەترەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت كېڭەيتىش، سەنئەت مائارىپى (خەلقئارا ئۇستاز سىنىپى)، ئويۇن قويۇش (ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ۋە مۇزىكا كېچىلىكى) قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. 
    2018-يىللىق  «SO ARTS خەلقئارا سەنئەت بايرىمى» نى سىنگاپور SO ARTS مەدەنىيەت مائارىپ گۇرۇھى بىلەن سىنگاپور سىنگاپور-جۇڭگو مەدەنىيەت مائارىپ ئالماشتۇرۇش مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى