تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى

   

ماتېرىيال سۈرەت

   شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇ خەيشيا مۇنداق دېدى: 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، نارات مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يەككە كۈندە 15 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كېلىشتەك يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

   يايلاقتا ئەركىن-ئازادە تاماشا قىلىش، ئاتقا مىنگەندىكى ھاياجاننى ھېس قىلىش، ساپ قېتىق ئىچىش... خاڭجۇدىن كەلگەن ساياھەتچى سۇڭ چيەنچيەن «ھەقىقىي مەنىلىك سەپەر» دېگەن سۆزلەر بىلەن ناراتتىكى ساياھىتىنى تەسۋىرلىدى.

   ئىلى ساياھىتىدىكى غوللۇق مەنزىرە رايونى بولغان نارات مەنزىرە رايونى تىيانشاننىڭ ئوتتۇرىسىغا، «چېگرادىكى بوستانلىق» دەپ ئاتالغان ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، «بوشلۇقتىكى يايلاق» دېگەن نامى بار .

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى