تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كىشلىك تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان 16 ئىش

1. سالامەتلىككە سەل قاراش

  تەن سالامەتلىك ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى، بىر ئادەمنىڭ يەلكىسىگە چۈشكەن بېسىم قانچە چوڭ بولغانسېرى، سالامەتلىككە شۇنچە سەل قارايدىغان بولىدۇ. ياشلىقىمىزدا پۇل ئارقىلىق ساغلاملىقنى سېتىۋالالايمىز، ئەمما ياشانغان چېغىمىزدا ھەر قانداق بايلىق بىلەنمۇ ساغلاملىقنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ساغلام تەن ھەممىنىڭ ئاساسى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، سالامەتلىكىمىزگە كۆڭۈل بۆلەيلى.

2. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋاقىت ئاجرىتالماسلىق

  كىچىكىمىزدىن تارتىپ، ئاتا-ئانىمىز بىزنى تۈرلۈك جاپالارغا چىداپ بېقىپ چوڭ قىلدى، ئەگەر ئۇلارغا كۆپرەك ۋاقتىمىزنى ئاجرىتىپ ھەمراھ بولمىساق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالساق، ئېغىر پۇشايماندا قالىمىز.

3. ساياھەتكە بارماسلىق

  ساياھەت بولسا بىر خىل يېڭىچە تۇرمۇش شەكلى، ئەگەر ۋاقىت ئاجرىتالىسىڭىزلا، ھەربىر دەم ئېلىش ۋاقتىڭىزدا ئوخشاش بولمىغان جايلارغا بېرىپ، كۈندىلىك مۇقىملىشىپ كەتكەن تۇرمۇش مۇھىتىڭىز ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. ساياھەتتىن كېيىن مەنىسىز تۇرمۇشىڭىزنىڭ باشقىچە خۇشاللىققا تولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. 

4. دائىم باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش

  بىز ئىلگىرى باشقىلارنىڭ بىزنى ئېتىراپ قىلىشىغا شۇنچىلىك تەقەززا بولاتتۇق، ئەمما ئاخىرىدا، دۇنيانىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىكەنلىكىنى، باشقىلار بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق. بىز دائىم باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق قارايدىغانلىقىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز، ئەمەلىيەتتە ھەربىر كىشى دۇنيادا پەقەت بىرلا، بىز پەقەت ئۆزىمىزگە ئىشەنگەندىلا، باشقىچە دۇنيارىمىزنى يارىتالايمىز. 

5. ئۆزگەرتىش قىلالماسلىق

  ئادەتتە، تەبىئىتىمىزدىكى ھورۇنلۇق سەۋەبىدىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى خالاپ كەتمەيمىز، ئەمەلىيەتتە بىز ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىكلەرگە توغرا نەزەردە قاراشقا، يۈرەكلىك ھالدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىشقا موھتاج. 

6. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش

   ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق ھاياتىمىزنى ئىسراپ قىلغان بىلەن باراۋەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىش، بىمەنە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تۇرمۇشىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ۋاقتىمىزنى قەدىرلەپ، ئۇنى كۆپرەك بىلىم ئىگەللەشكە، ئائىلىمىزدىكىلەرگە كۆپرەك ھەمراھ بولۇشقا ئىشلىتىشىمىز لازىم.

7. ئۆزىگە باھانە-سەۋەپ ئىزدەش

  ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ئۆزىمىز مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر بىرەر ئىشتا خاتالىق كۆرۈلسە ئۇنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويساق، بۇ بىر تەرەپتىن باشقىلارنى تۆۋەن كۆرگەنلىكىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلغىنىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، مەسئۇلىيەتتىن قاچماي، مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىيەلىسەك، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى پىشىپ يېتىلدۈرەلەيمىز.  

8. تىرىشماسلىق

  ياشلىقىمىزدا تىرىشمىساق، قېرىغاندا زىيان تارتىپ قالىمىز. ھاياتلىق بىزگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ، قەلبىمىزگە پۈككەن ئارزۇلىرىمىز بولىدىكەن، چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن «ئۇنى» قوغلاپ يېتىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈگىمەس پۇشايمانغا قالىمىز.  

9. خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇش

  ئەگەر بىر ئۆمۈر «بىخەتەرلىك سىزىقى»نىڭ ئىچىدە ياشىسىڭىز، قىلچىمۇ خىرىس ۋە تۇرمۇشتىكى قىزغىنلىقنى ھېس قىلالمايسىز، بۇنداق تۇرمۇشنى تولىمۇ مەنىسىز ھېس قىلمامسىز؟ تۇرمۇشقا دادىل يۈزلىنىشتىن ھەرگىز قورقماڭ، خەۋپ-خەتەر بولغاندىلا پۇرسەت بولىدۇ، پۇرسەت بولغانىكەن تۇرمۇشىڭىزمۇ خۇشاللىققا تولىدۇ. 

10. ئاسان چېچىلىش

  بىر ئادەم تىنچ ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلسا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالايدۇ. پەقەت ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، چېچىلماي، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلساقلا، چوقۇم ئويلىغان مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز. 

11. ئىلگىرى ياردەم قىلغانلارنى ئۇنتۇش

  كونىلار «تامچە شەپقەتكە ئالەمچە ياخشىلىق قايتۇرۇش» دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتقان، بىز ھەرگىزمۇ ئىلگىرى بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالىمىز. 

12. بار ۋاقتىدا قەدرىگە يەتمەسلىك

  ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، كەلگۈسى تېخى يىراقتا. كۆز ئالدىمىزدىكى نەرسىلەرنى قەدىرلىيەلىگەنلىكىمىز، بىزدىكى ئەڭ چوڭ بەخت. 

13. پاسسىپ كەيپىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقالماسلىق

  بىر كىشى ئەگەر ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ھاياتىنى قانداق كونترول قىلسۇن؟ بۇنداق كىشىلەر ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ پاسسىپ ئېنىرگىيە ئېلىپ كېلىدۇ. چۈشكۈن كەيپىياتنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق رولى يوق، ئۇ پەقەت بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بىز كەيپىياتىمىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز، بارلىق زېھنى-قۇۋۋىتىمىزنى مەسىلىلەرگە قارىتىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم، مۇشۇنداق بولغاندىلا يېڭى قەدەملەرنى باسالايمىز. 

14. ھەددىدىن زىيادە ئىككىلىنىش

  ئۆزىڭىزنىڭ بىۋاستە سېزىمىڭىزگە ئىشىنىڭ، بىۋاستە سېزىم بولسا چوڭ مېڭىنىڭ شۇ دەقىقە ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئىنكاسى بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ كۆپ يىللىق تەجرىبىسىنىڭ ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىدە ھەددىدىن زىيادە ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەن چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ بىۋاستە تۇيغۇڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. 

15. تاللاش تەس بولۇش

  كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئۈچ ئېچىنىشلىق ئىش بولسا: تاللىيالماسلىق، توختىماي تاللاش، تاللىشىدا چىڭ تۇرالماسلىق. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا نېمىگە ئىنتىلىدىغانلىقىنى، نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىلا ئاندىن توغرا قارار چىقىرالايدۇ. بۇ ئۆزىنى چۈشىنىدىغانلىقى بولۇپلا قالماي يەنە، ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. كىشلىك تۇرمۇشتا گەرچە نۇرغۇنلىغان «تۆت كوچا»لارغا ئۇچرىساقمۇ، پەقەت قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۆزىمىز توغرا دەپ بىلگەن يولنى تاللىيالىساقلا، باشقىنى ئارتۇقچە ئويلاش ھاجەتسىز. 

16. ئىستېمال ئارزۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىش

  ئادەمنىڭ نەپسى ئۇ بىر زەھەرلىك دورا. ئەگەر بىخۇتلۇق بىلەن ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالساق، ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن ئۆزىمىزنى تارتالماي قالىمىزدە، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كېتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەپسىمىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئىچكى دۇنيارىمىزدىكى خاتىرجەملىكنىڭ ئەڭ زور بەخت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم.

  مەنبە: خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى