تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئوت-چۆپلەرنى ئورىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: كۆكتوقاي ناھىيەسى قىزىل شىلىق يېزىسىنىڭ ئاقجار كەنتىدە ھەر يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدىن ئوتتۇرىغىچە بولغان مەزگىل ئوت-چۆپ ئورۇش پەسلى بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلار بۇ مەزگىلدە ئوت-چۆپلەرنى ئورۇپ، تاللاپ، قۇرۇتۇپ، قىش پەسىلدە كالا، قوي ۋە ئاتلارنىڭ يەم خەشىكى ئۈچۈن يىغىپ زاپاس ساقلاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كۆكتوقاي ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئاقجار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىمۇ بۇ مەزگىلدە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوت-چۆپ ئورۇش ئىشلىرىغا پائال ياردەم بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوت-چۆپلەرنى ئورۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى