تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم مەنزىرە رايونلىرىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

 شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈيتۈن تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى مايتاغ شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يازدا مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كۈندىلىك ئاپتوموبىل ئەڭ كۆپ قاتناش مىقدارى 7000 دىن ئاشقان.

 كۈيتۈن تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى مايتاغ شۆبە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاپتوموبىل مىقدارى ئادەتتىكى خىزمەت كۈنلىرىدىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپ بولاتتى، بۇ يىل خىزمەت كۈنى ۋە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاپتوموبىل مىقدارىدا ئانچە چوڭ پەرق بولمىدى، ئاپتوموبىل ئوخشاشلا كۆپ بولدى.

 بۇنىڭدىن سىرت، مارالبېشى ناھىيەسى ئاناكۆل يېزىسى تالاشور كەنتىدىكى «قىزىل دېڭىز» مەنزىرە رايونىمۇ بۇ يىل 7-ئايدا 60 مىڭ ئادەم/قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشتەك يېڭى رېكورت ياراتتى.

 «قىزىل دېڭىز» مەنزىرە رايونى قاش دەرياسى سۇلۇق يېرى، قەدىمىي يىپەك يولى ئۆتىڭى، «قىزىل دېڭىز» سۇ ئۈستى باغچىسى، توغراق دېڭىزىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆل، ئېقىن، يايلاق، سۇلۇق يەر، باياۋان، توغراقلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى، بۇ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك توغراقلىق ساياھەت بازىسىغا ئايلاندى. «قىزىل دېڭىز» مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لياڭ باۋجۈن: «7-ئاينىڭ ئۆزىدىلا بىز ھۆددىگە ئېلىنغان 13 ئايروپىلان ۋە بىر ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدۇق، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق سۇلۇق يېرىنى مەخسۇس ساياھەت قىلغىلى كېلىدۇ» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى