چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە يۇيۇش تەركىبىدىن سىرت، يەنە چاچ ئاسراش جەۋھىرىمۇ بار. چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى مەينەت سۇ بىلەن ئۇچراشسا چاچ ئاسراش جەۋھىرى بىلەن ئارىلىشىپ داغ ئىزى پەيدا قىلىدۇ.
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئەرمەك ھايۋانلارنى يۇيۇشقا بولامدۇ؟
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ يۇيۇش ئىقتىدارى ئەرمەك ھايۋانلاردا تېرە سەزگۈرلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن چاچ ئاسراش مەلھىمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن چاچ ئاسراش مەلھىمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، چاچ ۋە باش تېرىسىنى پاكىز تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە چاچنى ئامال بار ئاز يۇيۇش كېرەكمۇ؟
چاچنى يۇيۇش قېتىم سانى بەك ئازلاپ كەتسە، باش تېرىسى كىرلىشىپ، مايلار كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىدۇ، چاچ چۈشۈش ئەھۋالىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە چاچ ئاسراش جەۋھىرى بولغاچقا، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكەندە تېرىنى زىيادە پارقىرىتىۋېتىدۇ، بەدەندە قېلىپ قالغان چاچ ئاسراش جەۋھىرى تېرە سەزگۈرلۈكىنى پەيدا قىلىدۇ.