ئىشچىلار 8–ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسى جياڭخۇەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەنچىڭ شۆبە شىركىتىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى قۇراشتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، جياڭخۇەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەنچىڭ شۆبە شىركىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولۇپ، 2018-يىلى 7-ئايغىچە، جەمئىي 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ساتقان. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنخۇي ئۆلكىسى قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۈچلۈك كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، دەريا بويىدىكى كەسىپلەر ئاساسى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى يولغا قويغان.