ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى مېھمانسارايلاردىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى مېھمانسارايلار بۇ يىللىق بېسىق مەزگىلنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ياتاق ئېلىش نىسبىتى %95 دىن ئاشقان، ھەتتا قىسمەن زەنجىرسىمان قولايلىق مېھمانخانىلاردا ياتاق ئېلىش نىسبىتى %100 دىن ئاشقان.
ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلى يەنە خەلقئارا زەنجىرسىمان داڭلىق مېھمانخانىلارنى جەلپ قىلغان بولۇپ، ياگاۋ مېھمانخانا گۇرۇھى قارمىقىدىكى يىبىسى مېھمانخانىسى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كىرگەن، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ياتاق ئېلىش نىسبىتى توختىماي ئېششقا باشلىغان، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ياتاق ئېلىش نىسبىتى %100.9 كە يەتكەن.