تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغان ئاياللار ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ تولۇقلاش ئارقىلىق سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ

  جۇڭگو ئاياللار گېزىتى: ئامېرىكا «ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان شىۋېتسىيەنىڭ بىر يېڭى تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ ئىستېمال قىلغاندا ياشانغان ئاياللاردىكى سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلىنىڭ خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن.

  شىۋېتسىيە گوتېبورگ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ماتىئاس لورېنزو دوكتۇر ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوتتۇرچە يېشى 76 ياش بولغان 100 ياشانغان ئايال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەجرىبىگە قاتناشقان ئاياللار ئىختىيارىي ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر كۈنى ئاكتىپ ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ پاراشوكىنى ئىستېمال قىلغان، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر كۈنى ئارام بەرگۈچى ماددا پاراشوكى ئىستېمال قىلغان. نەتىجىدە تەتقىقاتچىلار ئارام بەرگۈچى ماددا ئىستېمال قىلغان گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ ئىستېمال قىلغان گۇرۇپپىدىكى ياشانغان ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسى يىمىرىلىش ئەھۋالىنىڭ يېرىمى ئازايغان، يەنە كېلىپ ھېچقانداق ئەكس تەسىر بولمىغان.

  دوكتور لورېنزونىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈن يەر شارى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 50 ياشتىن يۇقىرى ئەر-ئاياللار توپى ئارىسىدا سۆڭەك ماددىسى يىمىرىلىشتىن سۆڭەك شالاڭشىش خاراكتېرلىك سۆڭەك سۇنۇشنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئايرىم ھالدا 1/5 ۋە 1/3 بولۇپ، ياشانغان ئاياللارنىڭ سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياشانغانلار ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ تولۇقلاپ بەرسە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى