بايىنغولىن ساغلاملىق تەنتەربىيە سارىيىنىڭ 20 ئەزاسى 8- ئاينىڭ 8-كۈنى شەكىل چىقىرىپ ۋاسكېتبول ئويناش ماھارىتىنى نامايان قىلماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلىمىزنىڭ 10-قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» بولۇپ، شۇ كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بايىن تەنتەربىيە سارىيىغا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى يىغىلدى، ئۇلار ئۆز قابىلىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ بىر مەيدان «يېڭى دەۋردە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئاتلىنىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان 2018-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.