نارات مەنزىرە رايونى
مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، نارات مەنزىرە رايونى ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ساياھەتچىلەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان.
دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى نارات تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى كۆپ خىل، يايلاق، قارلىق چوققا، دەريا، ئورماننىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار.
ئىگىلىنىشىچە، ساياھەتچىلەرنى باشلاپ نارات مەنزىرە رايونىغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ساياھەت كوپېراتىپلىرى غەربىي يۇرت ساياھىتى بېلەت زاكاز قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق بېلەتنى ئالدىن زاكاز قىلسا، ئۆزلىرى بارغان ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايوندىكى كۆزنەكتە ياكى تور سۇپىسىدا بېلەت زاكاز قىلسا بولىدىكەن. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەنزىرە رايونى ساياھەت بېسىق مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئازادە ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى پەللىدە چەك قويۇپ، «نورمىدىن ئېشىش» نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى چېن جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىمىز ئوخشاشمىغان لىنىيەدە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا چەك قويىدۇ. ناراتقا ئوينىغىلى كەلمەكچى بولغان ساياھەتچىلەر ئۈندىدار، مىكروبلوگلىرىمىزغا دىققەت قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئۈندىدار، مىكروبلوگلىرىمىزدا ئېلان قىلىنىدۇ. (خې جيەنمىن فوتوسى)