چىش پاستىسىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن سۇ بىلەن نەمدەپ چىش چوتكىلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى چىش پاستىسىنى نەمدىگەندىن كېيىن، چىش قۇرۇتلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان فوسفور قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەركىبلەر سۇيۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا چىش چوتكىسىغا مۇۋاپىق مىقداردا چىش پاستىسى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تۇز بىلەن چىش چوتكىلاش ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا پايدىلىقمۇ؟
ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى تۇزنىڭ ئۇۋۇتۇش (研磨) رولى بار بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل تۇز بىلەن چىش چوتكىلىغاندا چىشنىڭ سىرتقى يۈزى يىنىك دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، چىش سەزگۈرلىكى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كۆپىنچە كىشىلەر تۇزنىڭ چىش مىلىكى ئىششىقىنى پەسەيتىش، چىش ئەتراپى ياللۇغىنى داۋالاش ئۈنۈمى بار دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت ئوسموس بېسىمىنىڭ تەسىرىدە كۆرۈلگەن ۋاقىتلىق ئۈنۈم بولۇپ، تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتماقچى بولسا، يەنىلا چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈش كېرەك.
چىش پاستىسىنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولامدۇ؟
جاۋابى ئۇنداق ئەمەس. چىش پاستىسى ئۈنۈملۈك تەركىبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۈنۈمى ۋە رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا چىش ساغلاملىق ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزىگە ماس كېلىدىغاننى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.