جىبوبا خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى فرانسىيە تاراتقۇسى «كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسى موناكو كوماندىسىنىڭ كولومبىيەلىك ھۇجۇمچىسى فالكاۋ كېلەر يىلى ئېلىمىزنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىغا قوشۇلماقچى ئىكەن.
«كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فالكاۋ ئۈچ قېتىم ئېلىمىز كۇلۇبلىرىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، كېلەر يىلى بىرىنچى ئايدا ئېلىمىزگە كېلىپ پۇتبول ئويناشنى قارار قىلغان.
بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن فالكاۋ موناكو كوماندىسىدا 36 قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 24 توپ كىرگۈزگەن ۋە تۆت قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملەشكەن.