تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەنت ئاھالىلىرىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى

  -ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ پارچە چوكا كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

  شى جېننەن، لى شۈەن

  8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى پارچە چوكا كەنتىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ياغاچچىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رەخت پىششىقلاش سېخىدا خىزمەت فورمىسى كىيگەن 15 ئايال ئىشچى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇلار سافا بېزەشكە ئىشلىتىدىغان رەختلەرنى پىچىش، ئىچىنى تولدۇرۇش ۋە رەخت يۈزىنى بېزەش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىنى تۈگىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ سافالارنى تېزدىن ياساپ بولغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە يېقىن ئەتراپتىكى باشقا يېزا – بازارلاردىن قوبۇل قىلىنغان زاكاز ئۆي جاھازىلىرىنى پۈتتۈرىدۇ.

  قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ياغاچچىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى پارچە چوكا كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ‹‹بىر ئائىلىدە بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش››نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. خىزمەت ئەترىتى باشتىن – ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ھەربىر ئائىلىدىن ئاز بولغاندىمۇ بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەر بىر نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

   ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى يېڭى كۆزنەكنى ئاچتى

  خىزمەت ئەترىتى ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› نامراتلارنى يۆلەش سۇپىسىنىڭ پارچە چوكا كەنتىدە ماكانلىشىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېڭى كۆزنەك ئېچىپ بەردى.

  بۇ يىل 3 – ئايدا، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ‹‹سىيۈەن›› پەلەي ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى پارچە چوكا كەنتىدە ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› قۇردى. رەسمىي ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› بۇ كەنتتىكى ئايال ئەمگەكچىلەرنى ھەقسىز تەربىيەلەپ، 49 ئايال بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمگەك – ئىش توختامى ئىمزالىدى.

  ھەزرەتگۈل مەمەت ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى، ئۇ پەلەي زاۋۇتىدا ئىشلىگەنلىكىدىن خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ھەم ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالىدىم، ھەم پۇل تاپالىدىم، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىغىمۇ تەسىر يەتمىدى.

  ھەزرەتگۈلگە ئوخشاش نۇرغۇن ئايال دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەك كىرىمى ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، ئاياللارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىمۇ كۈچەيدى.

  ھەزرەتگۈل ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، ياخشى ئىشلىسەملا تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىيالايمەن.

   ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش كەنتتىكى ياشلارنى يېڭى ئېقىمغا يېتەكلىدى

  خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى بارلىق ياشلارنى پائال تەشكىللەپ، ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش رايونى بەرپا قىلىپ، ئارتۇقچىلىقى بار ياشلارنى ئىلھاملاندۇردى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتتى، ‹‹كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، ئۇلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قارىتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى پارچە چوكا كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى غەيرەت سىيىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارچە چوكا كەنتىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ياغاچچىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش رايونىغا تۇنجى ئەزا بولۇپ كىردى.

  32ياشلىق ھاۋاگۈل ئەمەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا كوپىراتىپتىكى باشقۇرغۇچى، تىككۈچىلىك ھۈنىرى كامالەتكە يەتكەن ھاۋاگۈل ئەمەر ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك ئەترىتىنى باشلاپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تىككۈچىلىك ۋە ياغاچچىلىق قاتارلىق ئىش تۈرلىرى بىرلەشتۈرۈلسە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنمۇ ھۈنىرىمنى تېخىمۇ كۆپ ئايالغا ئۆگىتەلەيمەن.

  بىر قانچە شېرىك باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكى تېخنىكا ئىگىلىگەن، غەيرەتلىك بىر تۈركۈم ياشنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، توكچى، سىلېسار، تامچى، تىككۈچى قاتارلىق 23 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىر نەچچە چوڭ ئىش تۈرى بار بولغان قۇرۇلۇش قىلىش ھەم ياساش كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ، ئۆي جاھازىلىرىنى لايىھەلەش ۋە ياساش، پەردە تىكىش، ئىشىك – دېرىزە ياساش ئارقىلىق كوپىراتىپتىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ئايلىق كىرىمىنى 2000 يۈەندىن ئاشۇردى.

  ھاۋاگۈل ئەمەر مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كەسپىمىز ئەتراپتىكى يېزا – بازارلارغا تەسىر كۆرسەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

   كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسپى بار بولدى

  پارچە چوكا كەنتىدە بىر كونا ‹‹سودا كوچىسى›› بار، خىزمەت ئەترىتى سودا كوچىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش پىرىنسىپى بويىچە، كونا ‹‹سودا كوچىسى››نى پىلانلاپ ئۆزگەرتىپ ياساش ئارقىلىق ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كوچىسى››غا ئايلاندۇردى.

  خىزمەت ئەترىتى ئاممىنى دۇكان ئېچىشقا پائال يېتەكلەپ، كۆپ خىل چارە ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كوچىسى››دا مەدەنىيەت، چېنىقىش مەيدانى، ئۈستى ئوچۇق كىنوخانا، ئۇن زاۋۇتى، قولدا گىلەم توقۇش سېخى قاتارلىق ھەر خىل خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە زاۋۇتلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى دۇكانلار كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم – كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ھۆسن تۈزەش ۋە چاچ ياساش، يېمەك – ئىچمەك، قوشۇمچە يېمەكلىك، تېلېگراف قىممەت تولۇقلاش – ھەق تاپشۇرۇش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى توپ ۋە پارچە سېتىش قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  غەيرەت سىيىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىنكى ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كوچىسى›› ئاساسىي جەھەتتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسپى بار بولدى.

  پۈتۈن كەنتتىكى 56 نامرات ئاھالە ئىقتىسادىي گەۋدە قۇرۇش ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. قۇربان ئەخەت ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كوچىسى››دا ساتىراشخانا ئاچتى، ئۇنىڭ سودىسى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى ئەۋج ئالدى، ھازىر كۆپچىلىك بارغانسېرى ئۆزىنىڭ قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، شۇڭا نۇرغۇن كىشى ساتىراشخانامغا كېلىپ چېچىنى ياسىتىدۇ.

  ھازىر پارچە چوكا كەنتىنىڭ ‹‹بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش›› پىلانى كەنتتىكى 118 ئائىلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 156 نامرات ئاھالىنى قاپلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بىلەن نامرات ئامما قەددىنى رۇسلاپلا قالماي، يەنە مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، نامراتلىق قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، ‹‹بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەتراپتىكىلەرگە تۈرتكە بولۇش››تەك ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى