تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

شىنجاڭنى قوغدايلى، ئەتىمىزنى قوغدايلى

   شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئادىلجان داۋۇت

  شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم››نى تەرغىب قىلىشىنىڭ ماھىيىتى شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇش، بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەرگىز يول قويمايمىز، ھەرگىز قوشۇلمايمىز. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان ھەرخىل قوۋملارنىڭ ئالماشتۇرۇشى – ئۆزئارا تولۇقلىشى، كۆچۈشى – توپلىشىشى، توقۇنۇشىشى – بىرىكىشى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان مۇھىم ئامىل.

  بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرىگە شاھىت بولدۇم. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆزنىكى ئارقىلىق شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ‹‹ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش››تىن ئىبارەت تىنچ تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى دۇنيا خەلقىگە نامايان قىلدۇق. تېخىمۇ مۇھىمى، بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى سۇپىسى ئارقىلىق دۇنياغا نەزەر سېلىش، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ ئاممىسىنى دۇنياغا يۈزلىنىشكە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى يارىتىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇشىمىز ۋە يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىراق، بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت. پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا، شىنجاڭ تەرەققىي قىلالايدۇ؛ پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئىشلىرىنى كۆزلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى كۈچەيتىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشتە ئېغىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ ۋە يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان، نام – مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلەيدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە تايانغىلى بولىدىغان بولىمەن؛ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ‹‹تۆت كەيپىيات، تۆت خاھىش››قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلمايمەن، سىياسىي ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلەيمەن؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز – ھەرىكەتلەرگە باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەيمەن.

  مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزۈمنى چەتكە ئالماي، چېكىنمەي، بۇ ئىش مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلاردىن بولمايمەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممەمگە ئالىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى