شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى ۋە قالدۇردى:
بىرىنچى، فۇ خۇاچياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىبۇتى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جو رۈيشېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىبۇتى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، ۋۇ جيېنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چاد جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لى جىنجىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چاد جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى، ۋاڭ شىتىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالاۋى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ليۇ خۇڭياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالاۋى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.