تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى›› بويىچە قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، 2018 – يىللىق ‹‹100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى›› بويىچە قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىلمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى، داڭلىق قانۇنشۇناس جاڭ ۋېنشيەن ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى›› دېگەن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 1000دىن كۆپرەك ۋەكىل نەق مەيداندا دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق، چۈشەندۈرۈلۈشى ئېنىق بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنداق تەكىتلىدى: ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە مۇلاھىزە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چۈشىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قويۇق قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى ۋە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى كەيپىياتىنى يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنچىللىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى›› پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، قانۇنچىللىقنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى›› پائالىيىتىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى