تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ. 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 7 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى، شۇنداقلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرى، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس ئۈزۈندىلەر››نىڭ قىسمەن باب ۋە پاراگرافلىرىنى ئۆگەندى، 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق، چوڭقۇر، ئۇزاق مەزگىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش ۋە ‹‹ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت››نى ياخشى تۇتۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەقىل كۆرسىتىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش››ىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش؛ دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ قوشۇش؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى زور مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك زور مەسىلىلەرنى قاراتمىلىقى بار ھالدا تەتقىق قىلىش؛ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىش؛ شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ كېڭىشىش ئاساسىدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي كېڭەش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتىكى ئۆتكۈر قوراللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دائىملىق ئادىتى ۋە ئاڭلىق مىزانىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ئىنتىزامنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان، ئاگاھ بولىدىغان، تەپتارتىدىغان ۋە تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىپ، ساپ، پاك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى