تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى

  كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى

  ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەدبىرنى چىڭىتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈپ كېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، زىچ ماسلىشىشى؛ ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى ۋە كەلكۈن ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق لايىھەلەرنى تۈزۈپ ھەم ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش دەسلەپكى لايىھە مەشىقىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى؛ يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەۋەلىكتىكى بارلىق سۇ ئامبارلىرىنى بىرمۇبىر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، سۇ ئامبارلىرىدىكى خەۋپنى تۈگىتىش، مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مېتېئورولوگىيە، سۇچىلىق، دۆلەت زېمىنى، قاتناش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك، تولۇق تەييارلاپ، ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، ئاپەتتىن ساقلىنالايدىغان بولۇش، يۆتكەپ كېلەلەيدىغان بولۇش، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئۇچۇر يوللاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن ئەھۋالى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالىدا ‹‹نۆل دوكلات›› تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى