تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقانلارنى كەسىپ بىلەن تەڭ يېتىلدۈرۈش

   لى چىڭچىن

  8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ‹‹مارالبېشى بىشەكشېرىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسى›› ئېلان قىلىنىپ، مارالبېشى بىشەكشېرىنىنىڭ بازىرى كاسات يەرلىك قوغۇندىن توردىكى ئالقىشلىق مەھسۇلاتقا ئايلىنىشقىچە بولغان ئۆزگىرىش ھېكايىسى بايان قىلىندى. بۇ ھېكايىدىن ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايغانلىقى ھەم شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مارالبېشى دېھقانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، مارالبېشى دېھقانلىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دەل يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئۈمىدى.

  مارالبېشى بىشەكشېرىنىنىڭ ئەسلىي نامى ‹‹كۆك بەرەكە›› بولۇپ، شۇ يەرنىڭ يەرلىك قوغۇنى ئىدى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئانچە نامى چىقمىغان، جەلپكار كەسىپكە ئايلىنالمىغان، مارالبېشى دېھقانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ بەخت ئېلىپ كېلەلمىگەنىدى. ئىشنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى شۇ بولدىكى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئالى بابا يېزا تاۋباۋ تورى ۋە قەشقەر ۋىجدان ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ ياردەم قىلىشى بىلەن، كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بۇ يەرلىك قوغۇننىڭ داڭقى چىقتى. ئۇنىڭغا قايتىدىن ‹‹مارالبېشى بىشەكشېرىنى›› دەپ نام قويۇلدى، بۇ ئىسىم كىشىلەرگە ئېكرانلارنى قاپلىغان ‹‹چۇ ليۇشياڭ››نى ئەسلەتكەچكە، تەبىئىيلا ئەسلىدىكى ئىسىمدىن بەكرەك يېقىملىق ئاڭلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، تور ۋە تور سىرتىدا زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ تەسىر كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىش ھالقىلىرى راۋانلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سۈپىتى ياخشىلىنىپ، مارالبېشى بىشەكشېرىنى تار، بېكىنمە زېمىندىن تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىپ، مارالبېشى دېھقانلىرىنى ھوسۇلنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  مارالبېشى بىشەكشېرىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، مارالبېشى دېھقانلىرى بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا ئىدىيەۋى قاراشنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئۇلاردا ئاستا – ئاستا داڭلىق ماركا ئېڭى، بازار ئېڭى، سۈپەت ئېڭى شەكىللەندى. دېھقانلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى بازارغا ماسلىشىپ، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئىدىيەسى بىلەن جىپسىلاشتى، دېھقانلار شاڭخەيگە بېرىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، قوغۇن تېرىش ھېكايىسىنى سۆزلىدى؛ دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا قوغۇن تېرىدى... بۇ بىر قاتار خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەش كىشىلەرگە بىر كەسىپنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كېلىدىغان قوشۇلما قىممەت ئۈنۈمىنى، يەرلىكتىكى دېھقانلار بىلەن كەسىپنىڭ بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى نامايان قىلدى.

  يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. 2017 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەت قىلىشقا ماھىر يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  دېھقانلار يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ سۇبيېكتى. دېھقانلارنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېزىلاردا يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، شۇنداقلا يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىرادىلىك ياشلار بار، ئۇلار يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئالدىن تاللاش ئوبيېكتى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا بىر تۈركۈم دېھقانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرسەك، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دېھقانلارنىڭ زامانىۋى كەسپىي دېھقانلارغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇنداق بۇرۇلۇش ئۆز نۆۋىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرىدا سۈپەتلىك دەۋرىيلىنىشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئەلۋەتتە، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، ئۇ مۇھىت، تۈزۈم، سىياسەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ يېتەكلىشى ۋە يار – يۆلەك بولۇشىغا موھتاج. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئۈنۈملۈك يول بارلىققا كەلدى. دېھقانلارنىڭ ماركا ئېڭىنى تىكلىشىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارنى چوڭ بازارغا يېتەكلىگەندىن سىرت، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق يەرلىك ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مارالبېشى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، يېزا تاۋباۋ تورى، ۋىجدان شىركىتى بىلەن بىللە 100 مو تېرىقچىلىق ئۈلگە بازىسى قۇردى. دېھقانچىلىق مەيدانى قاراشنى يېڭىلاپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىتىپ، ياش دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى بىللە قوغۇن تېرىشقا جەلپ قىلدى. بۇنداق ئەمەلىي ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى قاراش، يېڭى نەزەرگە ئىگە بولغان يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارمۇ بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى