تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزگىچە كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ‹‹بىر ناھىيەدە بىر كۇرسلۇق مەھسۇلات بولۇش›› ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى

  ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى ئالاساي كەنتى ئاھالىسى مىرادىل مەمەت 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە نان زاۋۇتى قۇرۇلدى، مەن ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، يەنە ئون نەچچە شاگىرت قوبۇل قىلدىم، ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ئالاساي كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بۇ كەنتتىكى 188 نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 2000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى نان زاۋۇتى قۇردى. زاۋۇتنىڭ نان راسلاش سېخى، نان يېقىش سېخى، تەييار نان سېخى، ئوراش سېخى ئىلمىي ئۆلچەم بويىچە قۇرۇلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى تونۇردىن باشقا، توكلۇق، گازلىق تونۇرمۇ بار. ھازىر بۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتتىكى 100 دىن ئارتۇق نامرات ئاھالە بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  25 ياشلىق مىرادىل مەمەت كىچىكىدىن باشلاپلا نان يېقىشنى ئۆگەنگەن، بۇ قېتىم كەنتتە نان زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، ئۇ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ قالماي، يەنە گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، ھازىر كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ كۈندە 7000دىن ئارتۇق نان ياقىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئوتبېشى يېزىسى ئالاساي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى ليۇ كېشىن مۇنداق دېدى: نان زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاز دېگەندىمۇ 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ھازىر دېھقانلار سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 100 مىڭ يۈەن ئىكەن، ھازىر نان زاۋۇتىنىڭ تۈرتكىسىدە 200 مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى.

  ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ــــ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى سىجىل ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئورۇن، بايلىق، سىياسەت، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالتە چوڭ كەسىپنى كۆجۈملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، پۈتۈن گەۋدىلىك تەرەققىيات ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹بىر ناھىيەدە بىر كۇرسلۇق مەھسۇلات بولۇش›› ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سەككىز ناھىيە، بىر شەھەردە تۈۋرۈك كەسىپلەرنى يېتىلدۈردى، نەتىجىدە دېھقانلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  بۇ يىل، كەلپىن ناھىيەسى دېھقانلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ‹‹كەلپىن سېرىق ئۆرۈكى››نىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كەلپىن ناھىيەلىك تەمىنات – سودا بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ مىڭگاڭ مۇنداق دېدى: بىز ‹‹كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى›› ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سۈپىتى ياخشىراق ئۆرۈكلەرنى ئۈزۈپ، بىر تۇتاش ئوراپ، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىدا ساتتۇق، بۇ يىل دېھقانلارنىڭ ئۆرۈكتىن قىلغان كىرىمى بۇلتۇرقىدىن ئومۇميۈزلۈك كۆپ بولدى، كېلەر يىلى سېرىق ئۆرۈك كۆچىتى تىكىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى يەنە يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش باشلامچى كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە كىرگۈزۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش، ئوراش، ساقلاش، ئوبوروت قىلىش، سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ ‹‹يۈز، ئون، بىر›› ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ‹‹ئون ئامبار، يۈز كارخانا›› كەسىپ ئىتتىپاقى، ‹‹ئون شەھەر، يۈز دۇكان›› بازار تىجارىتى، كۇرسلۇق مەھسۇلات يېتىلدۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئاشۇرما قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلدى.

  ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائەت رايونىدىن توققۇزنى قۇردى، 200 كارخانا بۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ئۈلگە رايونىدىن بىرنى، ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىسىدىن 158نى، ھەر خىل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 3026نى قۇردى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كەسىپلەشكەن تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىنىڭ نىسبىتى %40تىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى