تىيانشان تورى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ سۈي، رەنا خەۋىرى. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋە 31-كۈنى 2- ۋە 3-نۆۋەت قاتنىغان «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى 900 دىن ئارتۇق ساياھەتچى ئارقا-ئارقىدىن ئالتاي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى، ئالتاي شەھىرى ھەربىر ھالقىغا قارىتا تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن قىلدى.
بۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئالتايغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، قېيىنزارلىق باغچىسىدا ئۆرپ-ئادەتلەر ئۇلارنى جەلپ قىلدى، ئۇلار مىللىيچە ياسىنىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، ئالتاي شەھىرىگە بولغان ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئالتاي شەھىرىدىكى داڭلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىخانىسىدا تۈرلۈك مەھسۇلاتلار، مەسىلەن: غەلىتە تاش، بېلىق كاۋىپى، سۈت مەھسۇلاتى، قاشتاشلار ئۇلارنى جەلپ قىلدى.
«خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق ئالتاي شەھىرىنىڭ ئادىمىيەت گۈزەللىكى، تەبىئىي گۈزەللىكى، ئېكولوگىيەلىك گۈزەللىكى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىندى، ساياھەتچىلەر ئالتاي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى تولۇق ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى كىشىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.