بۈگۈنكى بۇ بىر يۈرۈش توي كۆڭلەكلەر باشقا توي كۆڭلەكلەردەك تەنناز ئۇسلۇبتا لايىھەلەنمىگەن، ئەمما كىلاسسىك، ئېسىل سۈپەت، ئوردا ئۇسلۇبىغا خاس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئادەمنى يەنىلا ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.
بۇ بىر يۈرۈش كىلاسسىك كۆپتۈرمە توي كۆڭلەكلىرىنىڭ بەل قىسمى يىغىقلىق بولغاچقا، ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ، رەختىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن بولۇپ، كەشتىلىرى ئىنتايىن سىپتا تىكىلگەن.
بۇ توي كۆڭلەكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. گەرچە ئەنئەنىۋى بولسىمۇ، ئەمما كۆركەم ھەم سىپتىلىقى بىلەن خانىم-قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ.