8-ئاينىڭ 8-كۈنى، لايىھە كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسالغان يول باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە كۆزئەينەكنىڭ كونترول سىستېمىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ مىچىگان شۆيۈەنى ئۆتكۈزگەن «2018-يىللىق ياز پەسلىلىك لايىھە كۆرگەزمىسى» 8-ئاينىڭ 8-كۈنى مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، كەسپىي ساھە زاتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ئېچىۋېتىلدى، بۇ كۆرگەزمىگە شۆيۈەندىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار+ئالاقە سىستېمىسى» ساھەسىگە مەركەزلەشكەن 80 نەچچە تۈرلۈك ئىجادىي سانائەت لايىھە تۈرى قاتناشتۇرۇلغان.