مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋىرى: بەخشات نۇرئەلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 20 نەچچە سائەت يول يۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. يول بويى ئۇ ئۈرۈمچىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ــ قىزىل كىرېست ياش-ئۆسمۈرلىرى قولنى قولغا تۇتۇشۇش» يازلىق لاگېرى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىدىكى 17 ئۆسمۈر، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان كۆك نامرات ئىككى كەنتىدىكى 10 ئۆسمۈر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئورگان كادىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يەتتە پەرزەنتى ھەپتە ئاخىرىنى بىرلىكتە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.
بەخشات ئاقچى ناھىيەسىدىن بولۇپ، بۇ قېتىملىق يازلىق لاگېرغا قاتناشقان ئىدى. 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، پەن-تېخنىكا سارىيى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى، شىنجاڭ داشۆ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى، دېڭىز-ئوكيان سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش-پائالىيەتلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرىش قەسەم سۆزىنى ئەسلىدى.
ئاقچى ۋە پەيزىۋات ناھىيەسىدىن كېلىپ لاگېرغا قاتناشقان بۇ بالىلار ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تاغا-ھەدىلىرى ۋە يازلىق لاگېردىكى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلاندى، بىللە يېتىپ قوپۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى شيې يەنشۇن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇ قېتىملىق يازلىق لاگېرنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىمىز ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.