شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ چۈەن). دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يېقىندا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە 8-ئايدىن باشلاپ 4 ئاي داۋاملىشىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى.
بۇ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق دەخلى-تەرۇز قىلىش، ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا زەربە بېرىش سالمىقى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىر قىسىم مال سېتىۋېلىش سۇپىلىرىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق دەخلى-تەرۇز قىلىش، ساختىلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان.