شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى بۇرنلېي كوماندىسى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ سابىق ۋاراتارى جو خارت بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىدى.
كۇلۇب ئېلان قىلغان باياناتىدا خارتنىڭ كوماندا يۆتكىلىش ھەققىنى ئاشكارىلىمىغان، لېكىن بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە بۇرنلېي كۇلۇبىنىڭ مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبىغا 3 مىليون 500 مىڭ پۇندستېرلىڭ (تەخمىنەن 30 مىليون 920 مىڭ يۈەن) بەرگەنلىكى دېيىلگەن.
31 ياشلىق خارت 2006-يىلى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا قوشۇلغان، ئۇ كوماندا ئۈچۈن 350 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، كوماندىنىڭ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم ۋە ئېنگلاند پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم چېمپىيون بولۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان.
خارت ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ 2012-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2016-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئاساسلىق ۋاراتار بولۇپ، 2008-يىلى ئېنگلاند كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەندىن بۇيان، ئېنگلاند كوماندىسى ئۈچۈن 75 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.