تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلىۋاتقان ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈكنىڭ‎ «T» ‎شەكىللىك لىمى ‏ئورنىتىلدى

قۇرۇلۇش نەق مەيدانى

  شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاڭ شېڭ). ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك ھېسابلىنىدىغان ماناس دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر «T» شەكىللىك لىمىنى ئورنىتىش خىزمىتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تاماملاندى، بۇنىڭ بىلەن ماناس دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ 104 «T» شەكىللىك لىمىنى ئورنىتىش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق ئاياغلىشىپ، بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشتى‎.

  ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى شىسەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە بولۇپ، بۇ لىنىيە ئۈرۈمچى، سانجى، ماناس، شىخەنزە، ساۋەن، كۈيتۈن قاتارلىق شەھەرلەردىن ئۆتۈپ، كۈيتۈن دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ غەربى بىلەن تۇتىشىدۇ، بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 242 كىلومېتىر بولۇپ، ئەسلىدىكى قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلدى.

قۇرۇلۇش نەق مەيدانى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى