تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

  ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 24-كۈندىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئاقسۇ ۋىلايىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىدە «ئەخلاق ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئارقىلىق تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش» باش تېما قىلىنغان. 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلار ئاھالىلەر كومىتېتلىرى، مەكتەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش، نەق مەيداندا مۇلازىمەت قىلىش، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرغان. ئاقسۇ ۋىلايىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە يەنە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەرنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى