تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

گۇئاردىئولا 10 يىلدا كوماندىغا باش بولۇپ 24 چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

  جۇڭگو تورى خەۋىرى: 0 گە قارشى 2 نەتىجىدە چېلسى كوماندىسىنى يېڭىپ، ئېنگلاند مەھەللە قالقىنى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن گۇئاردىئولانىڭ تىرېنېرلىق كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن لوڭقىسى 24 كە يەتتى.

  2008-يىلى يازدا گۇئاردىئولا بارسېلونا كوماندىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، بارسېلونا كوماندىسى تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا بارلىق مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بارسېلونا كوماندىسىغا تىرېنېرلىق قىلغان تۆت يىلدا گۇئاردىئولا كوماندىنى باشلاپ 14 چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم، پادىشاھ لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم، ياۋروپا چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

  گۇئاردىئولا بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى يەتتە قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى: يەنى، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم، گېرمانىيە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

  گۇئاردىئولا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن كوماندىنى يېتەكلەپ، ئېنگلاند مەھەللە قالقىنى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ 10 يىلدا 24 قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى