تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى قان دىئالىزى ئورگىنىدا قۇرۇلۇش باشلاندى

  ماتېرىيال سۈرەت

    تورىمىز خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دوختۇرخانا مەمۇرىيىتى سەھىيە ئىسلاھاتى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى قان دىئالىزى ئورگىنى رەسمىي تەستىقلانغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، پەيزىۋات ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئىبارەت بەش جايدا قۇرۇلىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە قۇرۇلۇش باشلانغان زەنجىرسىمان قان دىئالىزى مەركىزى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان دىئالىزى مەركىزى باداۋان رايونىدا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى، باشقا تۆت قان دىئالىزى مەركىزىنىڭمۇ 2019-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى