تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تەقلىدىي ئۇچۇش مەشىق مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

سۈرەتتە: يېڭى تىپتىكى تەقلىدىي ئۇچۇش مەشق سىستېما ئارقىلىق، ئۇچۇشنى مەشىقلەندۈرۈش يېتەكچىسى كۇرسانتلارنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

    تورىمىز خەۋىرى: ئارقا سۇپا كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ كونتروللىقى ئارقىلىق، ئۇچۇشنى مەشىقلەندۈرۈش يېتەكچىسى قار، تۇمان، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر قاتارلىق ھەر خىل ھاۋا رايى كۆرۈنۈشىنى ھەر ۋاقىت ئالماشتۇرالايدۇ. . . 8-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تەقلىدىي ئۇچۇش مەشىق مەركىزى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى ) دا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى .

سۈرەتتە: تەقلىدىي ئۇچۇش مەشىق بۆلمىسىنىڭ ئارقا سۇپىسىدىكى كونترول قىلىش ئۆيى.

    يۈشياڭ ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش بويىچە تەربىيەلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تەربىيەلەش مەركىزى جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن يۈشياڭ ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش بويىچە مەشىقلەندۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈرى بولۇپ، مەشىق مەركىزى 2017-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كانادا CAE شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بوئىن 800-737 (ئەڭ يېڭى تىپتىكى) تەقلىدىي مەشىق ئايروپىلانىدىن ئىككىنى كىرگۈزگەن.

تەقلىدىي ئۇچۇش بۆلۈمچىسىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەر خىل ھاۋارايى مەشىقنىڭ چىنلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ .

    جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خوۋ جۈنشۆ مۇنداق دېدى: جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە ھازىر بوئىن 737 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىدىن 435 ى بار بولۇپ تەربىيەلەش ئېھتىياجى زور، يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەقلىدىي مەشىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەر خىل ئۇچۇش مەشىق تۈرىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تاماملاپ، ئادەم كۈچىنى تەربىيەلەش تەننەرخى ۋە ۋاقىت بويىچە تەربىيىلەش تەننەرخىنى تېجەيدۇ. ئۇچۇش بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى مۇستەقىل قۇرغان ئايروپىلان ئۇنىۋېرسال مەشىق مەركىزىدىمۇ بۇ يىل 7-ئايدا ئىش باشلاندى. پۈتكەندىن كېيىن ھەر يىلى800~1000 غىچە يىڭى ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسى، بوشلۇقتا ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ كەسپلەر بويىچە تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى، غەربىي شىمال رايونى بويىچە 3000 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ قايتا تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال كەسپىي تۈرى بويىچە  1300 ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچىنىڭ تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى